ئ‍ۈمۈتۋار بول تىك ياشا مەغرۇر

ئ‍ۈمۈتۋار بول تىك ياشا مەغرۇر

 

 ئ‍اپتۇرى: ئابدۇرسۇل ئ‍ەزىز

 

 بۈگۈن دەرتلەر كەلسە بېشىڭغا،

 ئ‍ەتە كىلەر بەخىت-خوشاللىق.

 قىش كىتىپ كەلسە باھارىڭ،

گۈللەر ئ‍ېچىلىپ بۇلۇر گۈلزارلىق.

 

بۈگۈن ياشلار چۈشسە كۆزۈڭدىن،

 ئ‍ەتە ئ‍ىزدەر كۈلكە ھەم شاتلىق.

 ئ‍ۈمۈتۋار بول تىك ياشا مەغرۇر،

 كىلەر بىركۈنى بەختىڭمۇ تاتلىق.

 

 بۈگۈن ماتەم كەلسە بېشىڭغا،

 تويغا مىھمان بۇلىسەن ھامان.

 ئ‍ۈمۈتلىك بول خوشال ياشىغىن،

 ئ‍ۈمۈتسىزلىك ھەمىدىن يامان.

 

 ھەر قانچە سۇلسىمۇ قەددى قامىتىڭ،

 دوست-دۈشمەنگە ئ‍ىللىق كۈلۈپ قوي.

 دۈم چۈشۈپ يىقىلسا بىراۋ ئ‍ەگەردە،

 ياخشىلىق قىل·ئ‍ۇنى يۆلەپ قوي.

 

 2015-10-6





99 قېتىم كۆرۈلدى RuSuL ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-5 21:43:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ