ئۈندىدار (شېئىر) - ئالمىرە ياقۇپ

ئۈندىدار
ئاپتورى : ئالمىرە ياقۇپ

ئالاقە دەستۇرى ئۈندىدار بولدى ،
دوست ئىزدەش يوللىرى ئۈندىدار بولدى .
ئەگەردە توغرا قوللانمىغاندا ،
ئارلىقنى يىراق قىلغان ئۈندىدار بولدى .

يىراق يىقىن سىردىشىدۇ ئۈندىدار بىلەن ،
يات يۈرگەنلەر دوستلىشىدۇ ئۈندىدار بىلەن.
شۇنداق ئىناق ئائىلىمۇ بۇزىلار ئىتتىك ،
ئۆي مىھرىنى سۇسلاشتۇردى ئۈندىدار بىلەن

جەم بولۇشساق ئەگەر بىرگە ئۇرۇق ~تۇققانلار ،
بىر كۈنلەردە يىغىلىپ قالساق دوست~ساۋاقداشلار.
ئەھۋال سوراش ئازلاپ كەتتى زادى نىمىشقا؟
سەۋەبىمۇ سېھرىي كۈچلۈك ئۈندىدار بولدى .

ياشلىرىمىزنىڭ قوللىرىدىن يانفۇن چۈشمەيدۇ،
دەرس ۋاقتى يانفۇن ئويناپ كاللىغا چۈشمەيدۇ.
ئۈندىدارغا بەك بىرىلىش زۆرۈر ئىشمىدۇر؟
ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلغان ئۈندىدار بولدى .
     





214 قېتىم كۆرۈلدى AlMeRa ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-16 21:56:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-19 4:58:08 123456
ياخشى تېما
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ