يۇقالسۇن شاپاقلىقلار (شېئىر) - ئامانگۈل

يوقالسۇن شاپاقلىقلار
قەلەمدە: ئامانگۈل(ھىجران)


بىرى بۇزسا بىر قىزنى ئوڭشايدىكەن يەنە بىرى،
ھەيرانىمەن بۇ دۇنيانىڭ باردۇر يەنە قانداق سىرى.
ئەركەك باشقا ئەر باشقا دەيدىكەن ھەممە كىشى،
قىزنى بۇزغان ئەركەكمىدۇ بىلەلمىدىم مەن ھېچ بۇنى.

قىز قاچقاندا قوغلايدىكەن ئىچىپ چېكىپ مەس بولۇپ،
مەھەللىسىدە يۈرەر ئىكەن پەرۋانىدەك ساراڭ بولۇپ.
ئىچى ئاغرىپ قىزنىڭ ئاڭا بەرسە چىن سۆيگۈسىنى،
تاشلايدىكەن ئاي يىل ئۆتۈپ ھېچ نەرسىنى بىلمەس بولۇپ.

ئاخىرىدا باھانىسى (رايىم ياندى سەندىن)ئىكەن،
شۇنچە قىلغان ئەقىدىسى بىر تىيىنغا ئەرزىمەسكەن.
تەپ تارتماستىن بەزىلىرى ئىگىلىرى چىقسا قىزنىڭ،
نەشتەر كەبى تىللىرىنى ئۇلارغىمۇ سانجىيدىكەن.

دىيەر گىپى بولسا ئۇنىڭ (ماڭا تولا گەپ قىلما)،
(ھېلىمۇ كۆپ سۆزلىدىڭ ئەمدى بېشىمنى ئاغرىتما).
(كۆپ زېرىكتىم بۇ قىزدىن مەن بولدى ئۇنى ئېپ كەتكىن)،
(ئەينى چاغدا ئۇيالماستىن چاپلىشىۋالغان ئۆزى ماڭا).

ھەيرانىمەن بىچارە قىزچاق بولدى ئەمدى گۇناھكار،
ئۆز گۇناھىنى قىزغا تاڭدى قىزغا ئەمدى نىمە ھال.
يىغلىسۇنمۇ قاخشىسۇنمۇ ئەلەم يۇتۇپ ئۇ ناتىۋان،
زادى كىملەر بولالاركىن ئەمدى ئاڭا مەدەتكار.

بەزى يىگىت دىيىشەركەن قىزلار بۇزۇق ئالدامچى،
ئوغۇللارنى ئەخمەق قىلىپ پۇل خەجلىتىپ يۈرمەكچى.
پۇلى تۈگىسە ئوغۇللارنىڭ تاشلاپ كىتەر كارى يوق،
بۇنداق نىمىلەر بۇزۇق بولماي ئەمسە نىمە بولماقچى.


ھەيرانىمەن بۇ گەپلەرگە قىزلار شۇنداق پەسمىدۇ،
ئەجەبا ئۆزلىرىدە قىلچە گۇناھ يوقمۇدۇ.
ئاشۇلارنىڭ ئاچا سىڭىل ئاپىلىرى بار بەلكىم،
ئۇلارمۇ بىر قىز زاتىدىن ئۇلارغىمۇ ئۆچمىدۇ.

شۇ بىچارە ناتىۋان تۇغۇلىشىدىن بۇزۇقمىدۇ،
بۇزۇق دەيدۇ ھالى چوڭ بۇزۇقلىقىنى كۆرگەنمىدۇ.
بىكاردىنلا بۇزۇلمايدۇ قىز بالىمۇ ھىچ قاچان،
قاراپ باققىن ئۆتمىشىگە ئۇ ئالدانمىغانمىدۇ.

قىز ئالدانسا چەتتە تۇرۇپ ئويۇن كۆرىسەن گەپىڭ يوق،
قىزغا خاتا يولۇڭ سېنىڭ قايتقىن دىيەر سۆزۈڭ يوق.
كۈنلەر ئۆتۈپ قىز ئايرىلىپ زار يىغلىسا ئاھ ئۇرۇپ،
ئۇنى سەتلەپ ھارمايسەن قىلغىنىڭنى بىلمەي تۇرۇپ.

توسالمىغىنىڭ يەتمىگەندەك تىللاپ ئۇنى ھارمايسەن،
قوغدىيالماي تۇرۇپ قىزنى ئازار بېرىپ تويمايسەن.
بۇنداق دىسەم ئۇ نىمەمتى نىمە كارىم دەيسەن يۇ،
ھېشنىمەڭ ئەمەس تۇرۇپ يەنە ئۇنى تىللايسەن.

دەسلەپ ئۇ ئالدانغاندا كارىڭ بولماي يۈرگەنتىڭغۇ،
شۇ ۋاقىتتا ۋىجدانىڭنى ئىتلار تالاپ يەۋەتكەنمۇ.
ئەمدى قىز يالغۇز قالسا ۋىجدان ئىگىسى بوپ كىتىپسەن،
ۋىجدانىڭنى پەش قىلمىغىن سېنىڭ ئاچاڭ سىڭلىڭ يوقمۇ.

راسلا سەندە ۋىجدان بولسا قاراپ قوي ئەتراپىڭغا،
قىزلارنى ئالدىمىسۇن تەربىيە قىل دوسلىرىڭغا.
ئالدىغىنى يىگىت تۇرسا تىللايدىكەنسەن ئاجىز قىزنى،
ئۆزۈڭنى قويۇپ باققىن شۇ بىچارە قىز ئورنىغا.

شاپاقلىق ئالدامچىلىق ياراشماس ھېچ كىشىگە،
قىزلارمۇ ھەم ھوششار بول ئالدانما شېرىن سۆزگە.
يىگىتلىرىمىز ئەركەك سىلەر قوغداڭلار ئاجىز قىزنى،
ئالدامچىلىق يوقالسۇن تولسۇن دۇنيا شات كۈلكىگە.
     





103 قېتىم كۆرۈلدى ئامانگۈل ساتتار(ھىجران) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-12 22:29:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-14 16:09:23 پىنھان
ئىنتايىن توغرا توغرايېزىپسىز دوستۇم لېكىن ماۋزوسىنى ئۆزگەرتكەن بولسىڭىز چۈشىنىشلىك راققىلىپ تىخىمۇ ياخشى چىقاركەن!!؟
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ