ئاشىق ـ مەشۇقلار بايرىمى
ئالىم بوران
«ئەتە ئىكەن بىزلەرگە بايرام»،
نامى ئۇنىڭ ئاشىق بايرىمى.
بىرتەن بولۇپ مايمۇنلار كەبى،
رەستە، مەيدان بايرام قاينىمى.
قاينام بولار ئەتە جىمى جاي،
قاۋاق،ياتاق، ئۆچرەت تىخى ۋاي.
شەرمى_ ھايا دەسىلىپ يەرگە،
ئىپپەت نۇمۇس بولار ئەمدى«لاي».
كىرىپ كۆڭۈل كەينىگە ئىزىپ،
سوۋغىتىم دەپ گۈللەرنى تىزىپ.
قويار بولدى كىلەچىكىگە،
ھىچ بىلمەستىن «نەقىشلەر» سىزىپ.
يات قەۋىمنىڭ شەھۋەتلىرىنى،
بايرام قىلدۇق قاچاندىن باشلاپ؟
شەرمى_ھايا قاچتىغۇ شۇئان،
بىزدەك نادان مىللەتنى تاشلاپ.
شۇڭا كۆڭلۈم چەكسىز پىغاندا،
ئويلىساملا كۆڭلۈم پەرىشان.
قاچان بەرگەن ئەجدادلىرىمىز،
بۇ بايرامدىن بىرەر نام نىشان.
ئويىغنايلى قەۋىمداشلىرىم،
ياخشى ئەمەس نۇمۇسنى تاشلاش!
بۇزۇپ ئەخلاق -مىزانلىرىنى،
ئەۋلاتلارنى زۇلمەتكە باشلاش!
بۇ شىئىر بەزىبىر زامانداشلىرىمىزنىڭ ئەخلاق، شەرمى ـ ھايادىن چەتنەپ ئاتالمىش بايرام قاينمىغا چۆكۈپ، ئۆزنى يوقۇتۇپ ،قويۋاتقان ، ئاتاـ ئانىسنى شەرمەندى قىلىپ زارـ زار يىغلىتۋاتقان، قىلمىشىغا قارتا رەدىيە بىرىش مەقسىتدە يىزىلدى ،
ئۈمۈدۈم 2-14 ئۆزىڭىزنىمۇ ئۆزگىنمۇ نابۇت قىلماي ، شۇ مۇھاببىتىڭىز چىن بولسا ياتاق، قاۋاقلارغا زورلىماي كىتاپ ئۇقۇشقا زورلشڭىزنى ئارزۇ قىلمەن !
-ئالىم بوران
2017-2-13
42 قېتىم كۆرۈلدى | ئالىم بوران | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-13 7:24:58 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|