ساڭا ئ‍اتاپ شېئ‍ىر يازسام بولامدۇ

قەلبىم گويا ئ‍ۆركەشلىگەن بىر دەريا،

دولقۇن ياساپ ساڭا ئ‍اقسام بولامدۇ؟

سەن گوياكى پۇتمەيدىغان لېرىكا،

ساڭا ئ‍اتاپ شېئ‍ىر يازسام بولامدۇ؟

 

كېيىك بىلەن كۆز تالاشقان كۆزلىرىڭ،

ساڭا ئ‍اتاپ تۇمار پۈتسەم بولامدۇ؟

يۈزلىرىڭدە مىڭ قوياشنىڭ رەڭگى بار،

كىرپىگىڭدە شېئ‍ىر يازسام بولامدۇ؟

 

لەۋلىرىڭمۇ بىنەپشىنىڭ رەڭگىدە،

سۆزلىرىڭنى شەربەت بىلسەم بولامدۇ.

چىشلىرىڭدۇر قاتار-قاتار ئ‍اق چەشمە،

رۇخسارىڭغا شېئ‍ىر ئ‍ويسام بولامدۇ؟

 

سەن گوياكى چەكسىزلىكتە بىر ئ‍وكيان،

مەنمۇ سەندەك چەكسىز بولسام بولامدۇ؟

تەبۈسسۈمدە نۇر چاچىدۇ دۇنياسىڭ،

ساڭا سىڭىپ شېئ‍ىر يازسام بولامدۇ؟


قار-لەيلىسى(مەرھابا باغۋەن)





219 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-29 12:50:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ