يازساڭلا بولىدۇ (شېئىر) - ​ ئابدۇۋارىس ئوسمان

يازساڭلا بولىدۇ

 ئابدۇۋارىس ئوسمان

شائىر يازغۇچى بولغۇڭ بولسا دوستۇم ،
ئال  قەلەمنى  ئال  ئويلىما باشقىنى .
بۇغۇم  قاپىيەگە  باغلانما  دوستۇم ،
ھەقنى ياز  ئاۋال  ئويلىما  باشقىنى .

بىخ بولۇپ كۆكلەپ چىققىنىڭدا ئۆزۇڭ ،
دۈشمەننىڭ  قەلبى يىرىڭغا تولىدۇ .
تەمكىن بولۇپ ئۆزەڭنى تۇتىۋېلىپ ،
ھەقتە چىڭ تۇرۇپ يازساڭلا بولىدۇ .

قەس بىلەن بى ئەجەل كېتىپ قالساڭمۇ ،
شۇندىلا يازغىنىڭ  مەڭگۈ  ساقلىندۇ .
ياكى تۆھمەت بىلەن كېتىپ قالساڭمۇ ،
سەن ئۈچۇن ھامان ھەقىقەت ياقلىندۇ.

يۈز كېلىپ ياز خەلىققە ھەقنى يازغىن ،
كۈچلۇككە بولۇشۇپ ئاجىزدىن تانما .
بىرخىل تۇر شاكال بولما ھەقنى يازغىن ،
ھەقتىن يەنە خەلقىڭدىن ھەرگىز تانما .

ھەقنى يازغىن نادىر قىلىش شەرت ئەمەس،
كۆپ يېزىپ نام  تېپىش  يولى بۇ  ئەمەس.
ھەم مۇڭ ئاھاڭغا سېلىشمۇ شەرت ئەمەس،
تۇنتۇش يولى بۇ  تونۇلۇش يولى ئەمەس.

يازغۇچىلىق  ۋە شائىرلىق قىلۋاتقانلار  قاپىيە  بۇغۇم سانىنى  ماسلاشتۇرۇشتىنمۇ مۇھىم بولغان، ھەقنى يېزىشنى ئۆگنىشى كېرەك، زىننەتلەپ قۇيۇلغان چىرايلىق ھەرىپلەرگە مۇھتاجىمىز يوق ،بىز قاپىيە بۇغۇم قائىيدىسىگە چۈشمىگەن بولسىمۇ ھەقنى يازىدىغان يازغۇچى شائىرلارغا مۇھتاج .

     





332 قېتىم كۆرۈلدى 944382894 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-20 17:46:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-27 14:03:51 ئابدۇۋارىس ئوسمان
ياقتۇرزغىنىڭىزغا رەھمەت شىر ئەلى 🌹🌹🌹🌹
2017-2-23 1:17:34 شىرئەلي
بەكلا ياخشى يىزىلىپتۇ قۇلىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ