مەن

مەن

 

ئىپارگۈل ئوسمان

 

تاڭلاردىن تۆكۈلسە رەڭسىز چاچقۇلار،

 مېھرىمدىن رەڭ بېرىپ سۆيەلىگەن مەن.

 يۇلتۇزلار مەنسىتمەي قىلىشسا غەيۋەت،

 چولپاندەك يىگانە يۈرەلىگەن مەن.

 

 قۇرغاندا قىلتاقنى شەيتان يولۇمغا،

 ئازماستىن نىشاننى سىزالىغان مەن.

گۈللەردىن گۈل ئىزدەپ يۈرسە ئۆزگىلەر،

 تىكەندىن گۈلدەستە تىزالىغان مەن.

 

 مېۋە يەپ شېخىمنى يىرىپ قاچقاننىڭ،

 يولىغا پايانداز سالالىغان مەن.

قويسىمۇ قۇرۇق قول موھتاج بولغاندا ،

 تەشەككۈر بىلدۈرۈپ يانالىغان مەن.

 

 مۇزلاتسا زېمىستان ئىسسىنىپ مەندىن،

 باھاردا تانغانغا كۈلەلىگەن مەن.

 رەقىبىم ئالدىدا ئېچىپ سىرىمنى،

 ساتقاننىڭ ئوتىنى پۈۋلەلىگەن مەن.

 

دوستۇمغا قالدۇرۇپ يۇمشاق تۆشەكنى،

قاراڭغۇ تالادا تۈنەلىگەن مەن.

تالاشسا ئۆزگىلەر مۇنبەت تۇپراقنى،

قاغجىراق چۆلدىمۇ ئۈنەلىگەن مەن.

 

 كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپلا دېسە ناتونۇش،

 بوپتۇ دەپ چاندۇرماي كېتەلىگەن مەن.

 ئىشەنچنىڭ قورغىنى ئۇچىرسا قەستكە،

 قايتىدىن پۇختىلاپ ئېتەلىگەن مەن.

 

 2016-يىل 3-يانۋار ئاقسۇ





169 قېتىم كۆرۈلدى ئىپارگۈل ئوسمان ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-30 15:53:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-4 22:35:41 ئ‍ېلشاتجان ئ‍ېزىز
بۇ شېئىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئ‍وقۇدۇم . قارسام قەلەم قۇۋتىڭىز خېلى كۈچلۈككەن . شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ