غۇنچە تۇرسا قىزىڭغا ئوخشاش - زامانىمىزدىكى بىر قىسىم بايلارغا

‏غۇنچە تۇرسا قىزىڭغا ئوخشاش

 

 ‏باھارگۈل ئىبرايىم ‏

 

(زامانىمىزدىكى بىر قىسىم بايلارغا)

 

‏ ‏سەيلە قىلغاچ بەكمۇ شادلاندىڭ،

 ‏خۇشپۇراقلىق چىمەندە يۈرۈپ.

 ‏چىمەنلەرنى چەيلەپ تاشلىدىڭ،

‏غۇنچىلارنى مەيلىڭچە ئۈزۈپ. ‏

 

 ‏تامچە-تامچە سۇلار تۈكۈلدى،

 ‏سەبى غۇنچە ئۈزۈلگەن جايدىن.

 ‏سىنىڭ كۆڭلۈڭ بەكمۇ گادايكەن،

‏بولساڭمۇ گەر نامى بار بايدىن. ‏ ‏

 

كۆڭلى بايغا ئارتۇقچە بىلسەڭ،

 ‏غۇنچىلارنىڭ كۆزىنى ياشلاش.

 ‏يىغلىتىشقا چىدىسا كۆڭلۈڭ،

 ‏ئىكەن يۈركۈڭ گويا قاتتىق تاش.

 

 ‏ ‏ئويلاپ كۆرگىن توغرا بولامدۇ،

 خالىغانچە چەيلەنسە غۇنچە.

‏چەيلىنىشكە قانداق چىدايسەن،

 ‏ئۇخشاش تۇرسا قىزىڭغا شۇنچە.

 

 ‏ 2015-يىل4-ئاۋغۇست باي





131 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-8 9:54:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ