ساقاللىق بوۋاق
قادىر ئابلەت
ئۇ گوياكى بىر ساقاللىق بوۋاق،
ئەركىلتىپ قوي ئۇنى ئازراق،
قاراپ باق،
ئويلاپ باق،
كىملەرنى دەپ،
قوللىرىنى باسقاندۇر قاداق؟
ئۇ گوياكى بىر ساقاللىق بوۋاق،
كۆڭلى ئۇنىڭ شۇنچىلىك يۇمشاق،
قارا،
ئۇ مۈگدەۋاتىدۇ،
ھىرىپ قالدى بەلكىم،
يوللىرىڭغا قاراپ بەك ئۇزاق،
سىنى كۆرسە ئۇ،
بولۇپ كىتەر قانچىلىك ئوماق،
ئۇ بىر بوۋاق،
سەبىيدۇر شۇنداق،
كۆڭۈل خۇشى پەقەت سەن ئۇنىڭ،
ۋاقتىڭ يەتمەس ئۇنىڭغا بىراق،
2016-1-24
213 قېتىم كۆرۈلدى | قادىر ئابلەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-26 1:52:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|