ئاق ئۈجمە (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 ئاق ئۈجمە
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

باھار كىتىپ،ياز كىلىپ،
قۇياش نۇرى ئىللىپتۇ،
ئاق ئۈجمىلەر بىخ سۈرۈپ،
ھەممە دىللار كۈلۈپتۇ.

كەپتۇ باشلاپ ياز پەسلى،
ئاق ئۈجىمىلەر ئەلچىمۇ،
پىژغىرىملىق ئاپتاپتا،
ئاقىرىپتۇ ئۈجمىمۇ.

يازنىڭ تۇنجى نىممىتى،
مەي باغلىغان ئاق ئۈجمە،
سەبىيلەرنى تەلمۈرتۈپ،
چۈشمەيدىغان ئاق ئۈجمە.

دورىلىق دەپ ئاق ئۈجمە،
ھەممە شۇنداق تالىشىپ،
ئىشتىھادا يىيىشتى،
شاختىن-شاخقا ئاتلىشىپ.

شۆلگەيلىرىم ئاقتىغۇ،
تەنگە شىپا ئۈجمە دەپ،
قۇچقاچلاردىن قىزغىنىپ،
تالاشتۇققۇ ئۈجمە يەپ.

پىشىپ تۇرغاچ ئاق ئۈجمە،
ھەممە بىردەك خۇش بولدى،
تېتىغاچقا بەك شېرىن،
بوۋاقلارمۇ جۈر بولدى.
     





52 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان(كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-11 17:16:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ