رۇبائىيلار
تاھىر مۇھەممەد مەشئەلى
بىر دوستۇم سورىدى نىشانىڭ نېمە،
دۇنيادا ياشاشقا سەۋەبىڭ نېمە.
مەن دېدىم ئەلۋەتەن رازى بولسىلا،
ئەي دوستۇم باشقىغا سەن بەك غەم يېمە.
ئىنساننىڭ بەختلىك جەننىتى ۋەتەن.
ھاياتنىڭ ئەڭ شېرىن لەززىتى ۋەتەن.
مەرد يىگىت غورۇرى ئىپتىخارى ئۇ،
شۇنداقلا ئۇنىڭكى ئىززىتى ۋەتەن.
سامادا ئۇچسام گەر قانىتىم ۋەتەن.
شۆھرىتى ئالەمچە قامىتىم ۋەتەن.
شادلىقىم شۇنداقلا راھىتىم ۋەتەن.
مىسلىسىز بايلىقىم ئامىتىم ۋەتەن.
مەرد يىگىت ئۆلىدۇ ئاران بىر قېتىم.
نامەردلەر ئۆلىدۇ كۈندەمىڭ قېتىم.
مەرد يىگىت ئۆلسىمۇ يادلىنار نامى،
نامەردلەر ھاياتۇ ۋە لېكىن يېتىم.
يىقىلسا ئوغلۇڭنى يۆلىمە ھەرگىز.
يىقىلغان ئورنىدىن ئۆزى تۇرسۇن تېز.
چېنىقسۇن يىقىلىپ گاھى سوقۇلۇپ،
مەڭگۈلۈك يۆلەنچۈك بولالمايمىز بىز.
ئاپتور غۇلجا شەھەر بايانداي بازىرىدىن
123 قېتىم كۆرۈلدى | maxali1 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-30 16:53:44 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-4-2 0:12:02 | بۇئايشەم |
بەك ياخشى يىزىپسز قەلەملىرىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن. |
2017-3-31 4:24:41 | مۇساجان |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ قالتىس. قەلەملىرىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|