ئۇ - ئىسىل ئەسەر

ئۇ

 

شاۋكەت

 

ئۇ كۆرگەننى كۆرمىدىڭ تېخى،

 ئۇنىڭچىلىك ياشىشىڭمۇ تەس.

 ئۇ قەھىرمان سېنىڭ ئالدىڭدا،

 ئۇ بىر تاغدەك تۇرار زەبەردەست.

 

 لىكىن ئۇمۇ ئادەمنىڭ نەسلى،

 قېرىيدىكەن ئەجەلنى قوغلاپ.

 كېتىدىكەن قالىدىكەنمىز،

 ۋاي ئېسىت دەپ ئېڭەكنى تولغاپ.

 

 قېنى دەيمىز ئىشەنگۈمىز يوق،

 تەلمۈرىمىز كىملەرگە قاراپ.

 كۆزىمىزدە پۇشايمان يىشى،

 يۈرەكلەرنى مۇجىدى ئازاب.

 

 ئۇلىمىزنى چىڭ قۇيغانمۇ شۇ،

 بىزنى قوغداپ تىك تۇرغانمۇ شۇ.

 بىزگە قۇۋۋەت كۈچ بەرگەنمۇ شۇ،

 ئاق قارىنى ئۇقتۇرغانمۇ شۇ.

 

 ئۇ بىزنىڭ ئاتىمىز. بىزنىڭ ئاتىمىز،

ئەڭ چوڭ بەختىمىز بىباھا بولغان تاجۇ تەختىمىز.

 كۆزىمىز نۇرى، بەختىمىز ئۇلى ،

قانچە قىلساقمۇ تۈگىمەس قەرزىمىز.

 

 كۈتمەيدىكەن بىزدىن ئوشۇقچە ،

پاراغەتنى  ياكى پايدىنى.

 ھەر تىنىقتا دەيدىكەن:<بالام>،

 بەرگۈسى بار بىزگە بارچىنى .





242 قېتىم كۆرۈلدى شاۋكەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-25 0:57:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ