نەۋرۇز كەلدى
رىزۋانگۈل (مودەن)
نەۋرۇز كەلدى شاد كۈلدۈرۈپ دىللارنى،
بارچە جانلار ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى.
باش باھاردا ئىللىپ يەنە كائىنات،
ئەگىز سۈيى ئېرىقلاردا تولغاندى.
.،،.....
نەۋرۇز كەلدى شاد كۈلدۈرۈپ دىللارنى،
ئاۋام قىلار بۇ بايرامغا تەنتەنە.
باشلىنىدۇ يېلنىڭ بېشى بۈگۈندىن،
ئەسىر بۇيى داۋاملاشتى ئەنئەنە.
..،....
نەۋرۇز كەلدى شاد كۈلدۈرۈپ دىللارنى،
يېزا -قىشلاق،ئېرىق -ئۆستەڭ تازلانغان،
كوزا -ئىدىش ،قاپاقلارنى توشقۇزار،
ئەگىز سۈيى قىش جۇدۇندا تاۋلانغان.
...…،،،
نەۋرۇز كەلدى شاد كۈلدۈرۈپ دىللارنى،
مانا بۈگۈن تەڭلىشىدۇ كۈنۈ -تۈن،
گۈل -گىياھلار جانلىنىدۇ بىخ سۈرۈپ،
يېڭى ھايات بۇ بايرامغا قاتار ئۈن.
………،،،
نەۋرۇز كەلدى شاد كۈلدۈرۈپ دىللارنى،
ئۇندا مەشرەپ ،نەغمە ناۋا قاينايدۇ.
ئوسما قۇيار قىز جۇۋانلار تۈزۈپ رەڭ،
توزلار كەبى شوخ ئۇسۇللار ئوينايدۇ.
………،،،،
نەۋرۇز كەلدى شاد كۈلدۈرۈپ دىللارنى،
بەكمۇ ياقار قىسسە، داستان ، نەزمىلەر،
چاخچاق ،يۈمۈر ،لەتىپلەر ئوقۇلۇپ،
قىزىپ كىتەر مۇقام ،نەغمە بەزمىلەر.
………،،،،،
نەۋرۇز كەلدى شاد كۈلدۈرۈپ دىللارنى،
ئىتتىپاقلىق ،سائادەتكە سېلىپ ئۇل.
ئۇرۇق -تۇققان ،خوشنا -خۇلۇم ،يارۇ -دوس،
ھەمدەم بولۇپ ئىناقلىققا ئالار يول!.
………،،،
نەۋرۇز كەلدى شاد كۈلدۈرۈپ دىللارنى،
بەيگىلەردە چاپار ئاتلار كىشنىشىپ.
ئېتىزلاردا ياڭرار مېھنەت ناخشىسى،
ئۈمۈد بىلەن بەركەت ئۇرىقى چېچىشىپ.
2017-يىلى 18-مارىت مايتاغ
164 قېتىم كۆرۈلدى | رىزۋانگۈل (مودەن) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-20 18:54:16 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-20 22:39:37 | پەخىردىن |
قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن ، رەھمەت سىزگە ،ھارمىغايسىز. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|