تەنھالىق - ئاقگۈل

تەنھالىق 

 ئاقگۈل


   قاراشلىرى باشقىچە ئىدى, سۆزلىرىمنى شۇنچە ۋارقىراپ دىسەممۇ، چۈشەنمىگەندەك ئاڭلىمىغاندەك قىلاتتى،
قانچە ئاڭلىمىغانسىرى شۇنچە ۋارقىراپ سۆزلەشكە باشلىدىم،قانچە ۋارقىرىغانسىرى مىنى شۇنچە خاتا چۈشىنىشكە باشلىدى، يەنە بەكىراق ئالىيىپ قاراشقا باشلىدى،مىنى ئۆزلىرىگە قوماندانلىق قىلماقچى دەپ ئويلاپ قىلىشقان بولسا كىرەك، ئەپسۇس يەنىلا يالغۇز ئىدىم،خۇددى كۈزدىكى گۈزەل بىر غىرىپلىقەك،ئەمما يەنىلا خۇشال ئىدىم،يالغۇزلۇق بارگاھىم ئىدىكىن ھىچكىم مىنى ئۇ جايدىن ئىلىپ چىقالمايىتتى.
دوستۇم بىلەن قەھۋە ئىچمەكچى بولۇشتۇق.دۇستۇم تاتلىقىنى ئىچتى ،مەن بولسام ساپ ھەم ئاچچىقىنى بۇيرۇتتۇم،
دۇستۇم تىلفۇنىنى چىقىرىپ كىملەرگىدۇر خەت يىزىۋاتاتتى ، قەھۋە ئۇستىسى پاكىز كىيىنۋالغانىدى ، ياندىكى ئورۇندا ئىككى كىشى سودا ھەققىدە پاراڭلىشىۋاتاتتى،تىلىۋوزوردا ھەيىز قەغىزىنىڭ ئىلانى قويۇلۋاتاتتى،مەن ئۇ قىز ئارتىسقا ئالاھىدە قىزىقىش بىلەن قارىدىم،ئەپسۇس ئىلان تولىمۇ قىسقا ۋاقىتتا ئۆتۈپ  كەتتى، دوستۇم ماڭا بۇ يىل قايسى رەڭنىڭ مودا بولغىنىنى داڭلاپ تۇرۇپ سۆزلىدى،مەنمۇ مودىغا بولغان كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم……
ھىسابات ۋاقتىدا ئىككىمىز پۇل تۆلەشنى بەكلا تالاشتۇق مەن بوپتۇ دىدىم ،ئۇ پۇلنى تۆلىۋەتتى ۋە ماڭا قاراپ ھىجايدى ،
بىز  ئاسماندىن قار لەپىلدەپ چۈشكەن مەزگىلدە خوشلاشتۇق، ئاپئاق پەيدەك  چۈشكەن قار يۈزۈمگە يىنىك قوناتتىدە شۇ ھامان سۇغا ئايلىنىپ كىتەتتى.
     





139 قېتىم كۆرۈلدى ahgul ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-21 1:20:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ