ھۆركىرمە ئاناڭغا، تۈرمە تەرىڭنى
قادىر ئابلەت ئاتەش
ئەي ئىپلاس، ئالدىڭدا تۇرغىنى كىمۇ؟
قاراپ باق،كۆزۈڭنى يوغانراق ئېچىپ.
ئالدىڭدا تۇرغىنى ئاناڭ ئەمەسمۇ؟!
يۈرگەن ئۇ سەن ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىپ.
بىر چاغدا مۇشتۇمدەك بىر نىمە ئىدىڭ،
يۈرەتتىڭ پوقۇڭنى ئادالىيالماي.
يىقىلىپ يۈرەتتىڭ ھەر قەدەمدە بىر،
ئۆمىلەپ،تەمتىلەپ جايلاپ ماڭالماي.
پاھ!بۈگۈن ئۆزۈڭچە بەردەم يىگىتسەن،
ۋارقىراپ يۈرىسەن باققان ئاناڭغا.
ياخشىلىق ياراشماس،تۇزكور مۇناپىق،
ئۆلۈممۇ مىڭ ئارتۇق سەندەك ھايۋانغا.
بىر ئىتنى بىقىپ باق سۆڭەكلەر بىرىپ،
قاۋامدۇ ئۇ ساڭا ھەيۋىلەر قىلىپ.
ئىتچىلىك بولالماس سەن قانداق ھايۋان،
ھوشۇڭنى يىغىپ يۈر ،ئۆزۈڭنى بىلىپ.
ھۆركىرمە ئاناڭغا،تۈرمە تەرىڭنى،
رازى قىل،ئاناڭنىڭ دۇئاسىنى ئال.
ھەي مەلئۇن، ئۇنىڭسىز ئېچىلماس بەختىڭ،
ئانىنىڭ دۇئاسى جەننەت،بىلىپ قال.
2016-1-2
202 قېتىم كۆرۈلدى | 930122 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-3 2:09:13 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|