ئەركەك شۇچاغ يىغلايدۇ
ھەسەنجان ياسىن شەمشىرى
ئۇچۇپ قۇيۇپ ،
چۈشۈشنى بىلمەي،
بۈگۈننى ئويلاپ ئەتىنى كۆرەلمەي.
باشقا كەلسە،
ئەلەملىك كۈنلەر،
ئەركەك شۇچاغ دىلدىن يىغلايدۇ.
ئۆزى بۇزغان ناتىۋان قىزنى،
ياتلار ئاياغ ئاستى قىلغاندا.
تاغلار توختاپ باغلار ئايلىنىپ،
ۋىجدان ھامان سوراق تاتقاندا.
ئەركەك شۇچاغ دىلدىن يىغلايدۇ.
ئاتا ئانا ئۈلۈپ كەتكەندە،
يىتىملىكنىڭ دەردى يەتكەندە.
ئامەت باشتىن ئۈچۈپ كەتكەندە،
ياراتقۇچىدىن ئىخپال كۈتكەندە.
ئەركەك شۇچاغ دىلدىن يىغلايدۇ.
ھەسەنجان ياسىن شەمشىرى
2016-يىلى11-ئاينىڭ11-كۈنى(كورلا)
ئۈندىدار573888975
142 قېتىم كۆرۈلدى | xamxiri | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-11 23:40:59 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|