قار
 قار
 
 ئابدۇرەشىد شىپائى
 
پاھ!جەپ چىرايلىق بۇ جاھان دىكابىر يېتىپ كەلدى،
دىللارنى خۇشال ئەيلەپ ئاق لىباستا ئۇچۇپ كەلدى.
زوقلىنىپ يىراققا باقسام چىرايلىقلا بۇ جاھان،
قەلىبلەرنى ئويغۇتۇپ سوغ شاماللار يېتىپ كەلدى.

تاغ،جاھانلار ياسىنىپ ئۆزىنى شۇنداق تۈزىدى،
ئاق چېچەككە پۈركىنىپ ھەم ھۆسنى گۈلگە ئوخشىدى،
يەنە شۇنداق قارسام خۇددى گويا ئۇبىر پاختىزار، 
ھەم چېچەكلەپ دەرەخلەر ئاق چېچېككە ھەم ئوخشىدى.

بارچە جانلىق سەكلىشىپ ھەم رىشتىسىنى باغلىدى،
قېز-يېگىتلەر جۈر بۇلۇپ ھەم ئاتتى شۇنداق خېتىنى.
ياش-جۇۋانلار بەيگە ئويناپ خوش كۆڭىللەر ئەيلىدى،
ياش-يېگىتلەر بىرلىشىپ ھەم بارچە مەشرەپ باشلىدى.

مەھەلە كويلار جۇر بۇلۇپ ھەم جان پىدالىق ئەيلىدى،
ئۇماق بالىلار سەكلىشىپ قار بوۋاينى ئوينىدى. 
ئاتا-جانلار زوقلىنىپ ھەم كۆزلىرىنى نەمدىدى،
ئانا-جانلار خوش چىرايدا نەخ ئۇسۇلنى باشلىدى.

ئاق بوۋايلار ئەسنىشىپ كونا پاراڭنى باشلىدى،
جەپ چىرايلىق بۇ جان ھەم بارچە خۇشاللىق ئەيلىدى.
2015-يىلى 10-دىكابىر ـــ شىپائى




180 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-11 11:46:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ