ئىزتىراپلىق ئويلار

         ئىزتىراپلىق ئويلار  
 
                  رەھىماي تۇرغان 



مەن نۇرغۇن ئادەملەر ئارىسىدىن چىقىپ، ئاستا  
ئاستا پېتىشقا تەردۇقلانغان يۇرۇقلۇققا قاراپ ،تىمتاس قاراڭغۇ كېچىنى كۈتىۋىلىش  ئۈچۈن تەييارلاندىم ،كۈندۈزدىكى ۋاڭ-چۇڭغا تولغان شەھەر  چارچىغان گەۋدىسىنى ئىغىر قەدەملىرى  بىلەن سۆرەپ قاراڭغۇلۇق قوينىغا سىڭىپ بارماقتا. شۇنچە قاينام تاشقىنلىق ئىچىدىكى كۈندۈزنىڭ بەزىدە تىنىچ قاراڭغۇ كېچىچىلىك سېھرىي يوق. بەزىدە بۈگۈننىڭ بىسىم تەشۋىشلىرىدىن ھالسىزلانغان روھ ئىختىيارسىز جىمجىت كېچىنى شۇنچە ئىستەيدۇ. تەشۋىشلەنگىنىمدە مەنمۇ تىزراق قاراڭغۇلۇققا سىڭىپ كىتىشنى ئويلاپ قالىمەن ، يورۇقلۇقتىن تېزراق چىقىپ كىتىشنى ئويلىساممۇ،ئىچىم سىقىلىپ،دىمىم تۇتلۇپ تۇرسىمۇ،ئەمما ئۇنداق قىلالمايمەن،چۈنكى ھاياتىمدا ئاشۇ ۋاڭ-چۇڭ لارسىز مەن قانداق مەن بولاي؟ قانداق   ئىرادەمنى تاۋلاي؟

مەن  كېچە  جىمجىتلىقىنى  ياقتۇرۇپ قالدىم ،ئەسلى ئوچۇق-يورۇق تەبىئەتلىك، خۇشخۇيلاردىن ،ئاكتىپچانلاردىن ئىدۇق، ئەمما چۈشنۈپ يەتكىلى بولمايدىغان نۇرغۇن ئىشلار ۋە ئىنسانلار تەرپىدىن نە چېھرىمىزدە كۈلكىدىن ئەسەر قالمىغان،ئۈستىمىزدە توندىن يىپىنچا،بىشمىزدا ئالتۇندىن تاج تۇرسىمۇ رۇھىيتىمىز بارغانسىرى قۇرۇقلىشىپ كېتىپ بارماقتا ، ئۆزىمىزنى  بىر قەدەم تونۇپ يەتكىنىمىزدە شۇنى ھېس قىلىپ قالدىكەنمىز بىزنىڭ نۇرغۇنلىرمىزنىڭ  قولدىن كەلمەيدىغان تاغلار كەبى تەمكىنلىك ۋە كەم سۆزلۈكتىن ئىلھاملانغان بولساق ئىدۇق نە تالاشمايتتۇق، ئىتتىرشمەيتتۇق، ۋاقىراشمايتتۇق،ئەمما بىزدە  ئۇنداق تەمكىنلىك يوق، ئېتىراپ قىلغۇمىز  يول قويغىمىز يوق، جاھىللىقىمىز ھامان ئۈستۈن.

رۇھلىرىم جىسمىمنى يۈدگىنچە ،يەنە يىڭى بىر يۇرۇق تاڭنى كۈتىۋىلىش  ئۈچۈن تىپىرلايدۇ، ئۇ  يەردە ، مېنىڭ مەنۋىيتىمگە نۇر  چاچقۇچى نۇرغۇن  مەۋجۇتلىقلار بار ،ئۇ يەردە، ئەتىنى ئىنىق كۆرسىتىپ بىردىغان يول بار، ئۇ يەردە، مېنى تاۋلاپ يىتىشتۈردىغان نۇرغۇن قوللار، ئوچۇق ئېغىزلار بار، ئۆزەمنى ئۆزەم قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىدىغان روھ بار، شۇڭا يۇرۇقلۇقتىن ھوزۇرلىنىشنى داۋاملىق ياشاشنى داۋاملاشتۇرىمەن ئىختىيارىم بىلەن مەۋجۇتلىقىم بىلەن داۋاملىق مۇكەمەللىشش ئۈچۈن تىرشىپ ياشايمەن.

مەن ۋاڭ-چۇڭدىن  قورقىمەن،ئەمما ھەمىشە قۇتۇلالمايمەن، ۋاراڭ - چۇرۇڭلار ماڭا ھۇجۇم قىلغاندا نېرۋىلىرىم چارچاپ ،زېھنىمنى تالدۇرۇپ ھارغۇزسىمۇ،ئەمما يەنىلا تۇرمۇش ھامان ئىزغا چۈشىدۇ، بەزى چاغلاردا قەددىڭنى تىك تۇتمىساڭ،بىر توپ ماشىنا ئادەملەر تاپىنى ئاستىدىكى ئۆمۈچۈكنى ھىچ بىر كۈچىمەي دەسسەپ ئۆتۈپ كەتكىنىدەك ھالەتكە  چۈشۈپ قالىسەن،شۇڭا< سەبىرنىڭ چىكى غۇرۇر كۆتۈرگىچە >.

تۇپلىشىپ تۇرۇشقان كىشلەر توپىدىن يىراق تۇرىمەن ، چۈنكى بىلىپ بىلمەي باشقىلارنى سۆكۈشكە ئارلىشىپ قالماي دەپ.  بەزىلەر  مەنپەئەت ئۈچۈن قاغجىرغان كۆڭۈلنى تىندۇرۇش  ئۈچۈن، ھىچ تەپ تارتماي ئۆزگىلەرنى غاجىلايدۇ، سەنمۇ قۇتىرغان شەيتانلارنىڭ تەنلىرىڭنى شۈركەندۈرۈپ،ئۆزەڭ ئەمەس ھالەتكە  ئەكلىپ قويغىنىغا قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇرسەن. بەزىدە شۇنچە قىلىپمۇ بۇ كەڭرى ئالەم تارلىق قىلىپ ،كىچىككىنە تىنىچقىنە كۆڭۈل ئاراملىقى تاپالماي ،  كۆزلىرىمدىن سىرغىغان ياشلىرىم بۇلدۇقلاپ تاشىدۇ... شۇنىڭ بىلەن پىكىر كەپتەرلىرىم پەرۋاز قىلىپ تەپەككۈر ئۈنچىلىرىگە تولىدۇ.

نىمىلا بولسۇن،ھەقىقەت  ھامان يورۇق بىر نۇر، مۇشۇ نۇرنى بويلاپ توختىماي داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەۋىرەي  خۇددى< سۇ تامچىسى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن تاشنى تېشەلىگەن>  دىگنىدەك.

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589



     





313 قېتىم كۆرۈلدى رەھىماي تۇرغان ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-15 1:55:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-6-16 13:10:50 مىھراي
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز،سىزدىن پەخىرلىمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ