قورقىـــــــمەن

  قورقىمــــــــــەن
پـــــــــــــــەرى((تارىم قىزى))

دوسلارىمنىڭ قەسلىشىدىن قورقىمەن،
يېقىنلارنىڭ پەسلىشىدىن قورقىمەن.
ئەسلىمىزنىڭ نەسلىشىدىن قورقىمەن،
ئىشىمىزنىڭ تەسلىشىدىن قورقىمەن.

كۆزلىرىمنىڭ نەملىشىدىن قورقىمەن،
يۈرۈكۈمنىڭ غەملىشىدىن قورقىمەن.
دۈشمىنىمنىڭ پەملىشىدىن قورقىمەن،
خائنلارنىڭ يەملىشىدىن قورقىمەن.

ئۈمۈتسىزشۇ كۈتۈشلەردىن قورقىمەن،
ناتۇنۇشتەك ئۈتۈشلەردىن قورقىمەن.
ئايىلالماس كۈنۈشلەردىن قورقىمەن،
شەپىسىزلا يۈتۈشلەردىن قورقىمەن.

تۈگىمەس شۇ يالغىنىدىن قورقىمەن،
مۇڭلۇق يالغۇز قالغىنىدىن قورقىمەن.
يۈرەك ئوغرى ئالغىنىدىن قورقىمەن،
ئۆچمەس ئوتلار سالغىنىدىن قورقىمەن

سۆيگۈسىدىن تانغىنىدىن قورقىمەن،
يۈرەكلەرنىڭ قانغىنىدىن قورقىمەن.
كۆڭۈللەرنىڭ يانغىنىدىن قورقىمەن،
ئۆز-ئارا قارا سانغىنىدىن قورقىمەن.


قونچاق كەبى سۈيۈشلەردىن قورقىمەن
تاش يۈرەككە كۈيۈشلەردىن قورقىمەن.
مەسخىرىلىك كۈلۈشلەردىن قورقىمەن،
ھايات تۇرۇپ ئۈلۈشلەردىن قورقىمەن.

ساختا نىشان ئويغانلاردىن قورقىمەن،
مىنى داغدا قويغانلاردىن قورقىمەن.
ماڭا راسلا تويغانلاردىن قورقىمەن،
ئۆتەڭ قىلىپ قونغانلاردىن قورقىمەن.

شىرىن شىكەر تىللىرىدىن قورقىمەن،
قارا نىيەت دىللىرىدىن قورقىمەن.
ئۇنتۇلماس بۇ يىللىرىدىن قورقىمەن،
كۈرۈنمەس شۇ قىللىرىدىن قورقىمەن.

كۆزى ئۇچۇق كور بۇلۇشتىن قورقىمەن،
ناپاكلارغا جۆر بۇلۇشتىن قورقىمەن.
خاتا ئۈچۈن ھۆر بۇلۇشتىن قورقىمەن،
كىرگىنىمنىڭ گۆر بۇلۇشتىن قورقىمەن

ھەقنى يازماس قەلەملەردىن قورقىمەن،
قاتتىق ئاچچىق ئەلەملەردىن قورقىمەن
ئاھۇ زارىم نالەملەردىن قورقىمەن،
راستى يوق بۇ ئالەملەردىن قورقىمەن.

2016-9-4
پــــــــــــــــــــــــــــەرى
     





115 قېتىم كۆرۈلدى پــــــــەرى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-11 7:51:04  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ