گۇناھكار مۇھاببەت - غەزەل

 

گۇناھكار مۇھاببەت - غەزەل

 

ئابدۇلئەزىز مۇختەر

 

 ئۇزاتتىم مەن مۇھاببەتنى خەير دىدىم ساڭا جانان،

 سەرسان قىلدىڭ پاك سۆيگۈمنى بەلكىم قەلبىڭگە بۇ ئايان.

 

 ئەسلى ئىستەر ئىدى قەلبىم سەندىن تاجۇ-تەخىتنى،

 ئەمدى جان يوق قەلىبلەردە ئاتالدى ئۇ قۇرۇق ئارمان.

 

 دوستلۇقتىنمۇ ياتلاشتۇق گۇناھكارى مۇھاببەتتۇر ،

بىلمەپتىمەن غەپلەتلەردە يۈز ئۆرۈشۈڭ شۇنداق ئاسان.

 

 غۇرۇر ئىـزدەپ يۈرۈپ كەتتىم دەرتلىرىمنى قايرىپ قويۇپ،

 ئۇنتۇپ قالما مۇھاببەتتىن ئەسلى ئۆزۈڭ،ئۆزۈڭ تانغان.

 

 ئارتۇق كۆردۈم ئاشىقلىققا باش ئىگىشتىن مەن ئۆلۈمنى،

 قۇل بولسام گەر مۇھاببەتكە چايان كەبى چاقار ۋىجدان.

 

 يۈرەي ئەمدى ھەقىقەتتە بولسىمۇ گەر ئەگرى -توقاي ،

مەيلى رازى ئۆمرۈم ئۆتسە ھايات يولىدا سەرگەردان.

 

 تاپقىن ئىزدەپ تۇرمۇشىڭدىن ئۆزگە مەنا ئابدۇلئەىزىز ،

تاپالمىسۇن سېنى مەڭگۈ قىيناغۇچى دەردۇ-ھىجران.

 

 2015/12/28 كېچە





146 قېتىم كۆرۈلدى dilkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-29 19:45:04  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ