ئالەمدە بىر جانىجانىم سەن

ئالەمدە بىر جانىجانىمسەن


كەۋسەر زۇلپەر


ھاياتىمنىڭ يولىنى ئاچقان،

ماڭا بەخىت نۇرىنى چاچقان،

يۈزلىرىنى قورۇقلار باسقان،

ئالەمدە بىر جانىجانىم سەن.


مېنىڭ ئۈچۈن جەبىرلەر چەككەن،

ئازابىمۇ پەلەككە يەتكەن،

ئارمانلىرى يىراققا كەتكەن،

ئالەمدە بىر جانىجانىم سەن.


ھاياتىمدا بولۇپ بىر گۈلخان،

ياشلىقىنى قۇربانە قىلغان،

قايغۇسىنى شادلىق قىپ يۇتقان،

ئالەمدە بىر جانىجانىم سەن.


قىزىم مېنىڭ پەخىرىم دىگەن،

كېچە كۈندۈز غېمىمنى يىگەن،

تىنىم تاپماي بەخىت تىلىگەن،

ئالەمدە بىر جانىجانىم سەن.





196 قېتىم كۆرۈلدى كەۋسەر زۇلپەر ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-24 23:33:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ