تىلەك (نەسىرلەر )

تىلەك (نەسىرلەر )

 

مىرادىل راخمان  ئىزچى

 

1.بەخىتلىك كۈن

 

 توشقاننىڭ ئاپئاق يۇڭىدەك يۇمران قارلار ئۈستىدە ئۇزاققىچە سۇزۇلغان ناتۇنۇش ئىزلارغا قاراپ خىياللارغا غەرىق بوپتىمەن، بىر سوغۇققىنا سەلكىن شامال قۇلاق تۈۋىمدە ئاجىزغىنە پىچىلايتى ، ھەر بىر قار ئۇچقۇنى ئېلىپ ماڭغان بىر گۈزەل تۇيغۇلىرىمغا قۇچىقىمنى كەڭرى ئاچقانچە ئۆزۈمنى ئاتقۇم ، باغرىدا ئەركىن يۇمىلانغۇم كەلدى ، ئەگەر شۇنداق بولسا ئىدى ئۇلارغا كۆڭلىمدىكى بار ئازاپلىرىمنى ، خۇشاللىقلىرىمنى،ھەتتا ئۆزۈمنىمۇ ئارلاشتۇرۋەتكەن بۇلاتتىم ، شۇ تەنھا ئىزلار كۈمۈلۈپ قالغۇچە ئۇلارغا ھەمرا بولسام ئاندىن ، تامام كۈمۈلۈپ كەتسەم ھە ...

 بەلكىم ئىللىق باھار دەل مۇشۇ جايدىن يېڭى بىر مايسىلارنى پەرۋىش قىلار ئىدى.  ئۈمىدسىزلىك شۇتاپتا سەپەرگە چىقىشقا تەييارلىنىپ بولدۇم، چۈنكى بۈگۈن قانداقتۇر بىر كۈچ مىنى زادىلا ئۆيدە ئولتورغىلى قويمىدى، تەنھا قەلبىمنى قانداقتۇر غۇۋا ئىنتىزارلىق مەھكەم قاماللىغان، ئۇنىڭدىن غالىپ كىلىشكە ئۇرۇنغان بولساممۇ ئەسلا پايدىسى بولمىدى.  ئۇ مىنى تارىتقانچە قايناق ناتۇنۇش ئادەملەر قوينىغا سۆرەپ ماڭماقتا، تۇنۇش چىرايلارنى ئۇچىرتارمەنمۇ دىگەن خىيالدا توختىماي ئۈتۈپ كىتۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆزلىرگە قاراپ ماڭاتتىم ، ئۇلاردىن قانداقتۇر مېھرىبانلىقنى ھېس قىلىشنى ئىستەيتىم.

 بىراق شۇنچە ماڭساممۇ بىرەرمۇ تۇنۇش چىراينى ئۇچراتمىدىم ، نىرۋىلىرىمنى ھارغىنلىق قاپلىغان، بىردەم -يېرىم دەم يۈلىنىۋالغۇدەك كۇچا چىرغى بولسىمۇ ئۇچىرمىدى. گويا يېقىن سىردىشىم قەلبىدىكى سىرلارنى پىچىرلاپ ماڭا ئېيتىۋاتقاندەك ، سوغۇق شامال تىنىمسىز قۇلاق تۈۋۈمدە غۇيۇلدايتى، تۇيۇقسىز قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئۇنۇتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم ، توغرا مەن ئۆزۈمنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ ، قەيەرگە بارماقچى بولغانلىكىمنى ئەسلىيەلمەيۋاتمەن. ئاخىرى بولماي يولدا ئۆتۈپ كىتىۋاتقان قېرى بىر بوۋايدىن سورىدىم: «بوۋا مەن قەيەرگە بارماقچى ؟» ئۇ بوۋاي جىددى قىياپەتتە كۆزۈمنىڭ ئىچىگە بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ، گەپمۇ قىلماستىن كەينىگە ئۆرۈلۈپ قاقاقلاپ كۈلگىنچە كىتىپ قالدى .

 

2. تىلەك

 

باللىقىمدا رەڭدار پەيلەرگە تولغان بىر جۈپ قانىتىمنىڭ بۇلىشىنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم،  تۈرمەكلىشىپ قالغان قار دۈۋىلىرنى چاچىرتىپ، كەڭ دالاردا يۇگىرەپ ئويناۋاتقىنىمدا ئاستىغىنە يۈزلىرىمگە ئۇرلىۋاتقان ، كۆز ئالدىمدا پىرقىراپ چۈشىۋاتقان قار گۈللىرگە تۇرۇپ ھەسەت قىلىپ قالاتتىم.

چۈشۈمدە بولسىمۇ بىرەر قېتىم قۇشلارغا ئايلىنىپ، بۇلۇتلار كۆكىنى يارغۇم كىلەتتى ، شۇ ئۇچقانچە شىمالى قۇتۇپقا بېرىپ ئاق ئېيىقلارغا ھېكايە ئېيتىپ بىرەلىسەم ئىدى ، مۇمام ئېيتقان ھىكايىلەرنى ئۇلارمۇ ياقتۇرسا كېرەك . ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى ئۆستەڭدىن جاندىن ئۈتە سوغۇقتىن كۆتۈرۈلگەن ھور بۇلۇپ قالسامچۇ كاشكى ...

 مۇشۇ كەمگىچە شۇ ئارزۇلار يۈرىكىمگە مەھكەم ئورنىغان ، ئەمما بۈگۈن ئەڭ يېقىن كىشىم ئۇچتى ، مەڭگۈلۈككە قاراپ ئۇچتى . ئىككىنچىلەپ ئۇنداق خىياللاردا بولماس بولدۇم.





328 قېتىم كۆرۈلدى izqi1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-13 10:54:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ