بىلەرسەنمۇ سېغىنغىنىمنى

بىلەرسەنمۇ سېغىنغىنىمنى

 

ھېيىت كىلىپ يۈرەك ئ‍ۆرتەندى،

 بىلەرسەنمۇ جېنىم سەن ئ‍اتا؟

 قۇچاقلىدىم قەۋرەڭنى نەچچە،

 بىلەرسەنمۇ سېغىنغىنىمنى.

 

 سەن كەلمىدىڭ ھەممىسى كەلدى،

 ماڭىمۇ ھېيىت بولغانمىدۇ ؟

راس كۈلمىدىم باشقىلار كۈلدى،

 بىلەرسەنمۇ سېغىنغىنىمنى.

 

قۇچاقلىدىم قەۋرەڭنى نەچچە،

 ئ‍اتا دەپمۇ چاقىردىم يىغلاپ.

 يەر-زىمنمۇ تىترىدى بەلكىم،

 بىلەرسەنمۇ سېغىنغىنىمنى.

 

 دوسلۇرۇم ۋە تۇققان چىللسا،

 جان ئ‍اتاممۇ بولسىكەن دىدىم.

 لىۋىم كۈلكە ،يۈرەكتە ئ‍ازاپ،

 بىلەرسەنمۇ سېغىنغىنمنى.

 

 سۈرىتىڭنى تېڭىپ يۈرەككە،

 قەلبىمگە كۆپ بەردىم تەسەللى.

 ئ‍ۇنتۇش مۇمكىن بولماسكەن ئ‍ەسلى،

بىلەرسەنمۇ سېغىنغىنمنى.

 

 ئ‍اپتۇرى؛ قۇربانجان ئ‍ىمىن يالقۇنى

 2015-يلى 9-ئ‍اينڭ 24-كۈنى

 مەرھۇم ئ‍اتامنى سېغىنىپ......





122 قېتىم كۆرۈلدى kurban ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-25 18:23:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ