ئۇلار شۇنداق كىشىلەر ئىدى
(غەزەل)
بىلەر كىملەر نە قىسمىتىن يۈرپ شۇنداق جاھالەتتە،
ئازاپلاردا يۈرەكلىرى كۆيەر ئوتتا لەختە-لەختە .
*
كۆزلىرىدىن ئاقسىمۇ گەر ياش ئورنىغا قان تامچىلاپ ،
ئۇلار يەنە تۇرار مەغرۇر ھەق ئالدىدا ئادالەتتە .
*
جاپالارنى كۆرگەندە ھەم باش تارتمىدى ھىچ ۋايسىماي ،
ئەمما ئۇلار ئەڭ كەينىدە كۆرەرىدە ھالاۋەتتە .
*
باشىغا ھەم كەلدى ئىغىر كۈن بۇ ھايات مەنزىلىدە ،
كىتەر ئاخىر شۇ پىتىدە ياشاپ باقماي پاراغەتتە .
*
ئۆزگە ئۈچۈن سوقار يۈرەك ئۆزى تۇرۇپ يالاڭ ئاياق ،
كىرەك ئىدى ئەسلى بىزگە شۇنداق يۈرەك ئەمەلىيەتتە .
*
ئۇنتۇلمايدۇ بىر ياخشىلىق قىلىپ قويساڭ يۈز يىلغىچە ،
گۈللەر ئۈنگەي يوللىرىدىن تىلىكىم شۇ ئاخىرەتتە .
ئابلىكىم ئابلەت (ئەرتۈرك ) 19-11-2016
| 44 قېتىم كۆرۈلدى | Ablikim | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-27 14:03:03 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|