غەيۋەتخۇرلارغا نالەم

غەيۋەتخۇرلارغا نالەم

 

 شېئىر


ئاپتۇر: مۇساجان ئابدۇل،غولجا

 


سۆز ئاچساڭ ئېغىزىڭغا تېگەر شاپلاقلار،
چۆرەڭدە مۇدھېشلار تولىغاچ  ھۇلاپ.
ئەجرىڭدىن ئېچىلغان گۈللەرنى ئۈزسەڭ،
چاپارغا تەيياركەن ھامماللار قۇغلاپ.

 

قاچامدىن ئېچىشكە ئىمكان يوق سۇمۇ،
چاچماققا  توپىنى تەييار  مەدداھلار.
قاچماققا مۇدھېشتىن كۈتمىگىن ئۈمۈت،
ئايلاندى مەھشەرگە ھەتتا سەھرالار.

 

تېلىڭنى كىسەرگە  يېقىنىڭ تەييار،

يېقىلساڭ يۈلەرگە قارا ھېچكىم يۇق.

مىسكىنلىك دەستىدىن سىياقىڭ جەندە،

يالاڭاچ  قالغاندا  ياپار  كىشى يۇق.


دۇئالار ئالقاندىن تۆكۈلدى يەرگە،

نىيەتنىڭ خۇرجىنى بولغاچقا تۆشۈك.

قاشانى باققانلار جۈدۈندا  تۇڭلار،

سۆلىتى شەيتانلار، كاڭلاردا مۈشۈك.


چىھرىڭدىن جىلۋىنىڭ نۇرىنى چاچساڭ،

تاش ئاتار يۈزۈڭگە كۈچەپ بىرلىرى.

كۆرۈنمەي پۇشقاقتىن چىقىدۇ تېغلار،

دۆشمىنىڭ ئەپ تاپماي،چىقماس سىرلىرى.

 

دېتىڭنى تاپقاندا، تۇيدۇرماي ئەپلەپ،

كاللاڭنى ئالارغا چىقار قولتۇقتىن.

بەزىدە كۈلگەنلەر بولاركەن ساتقۇن،

يۇنداڭدىن كوچىلاپ،تاپارشۇملۇقتىن.


بۇلۇڭدا ئېسىغلىق ئەسكى ماتالار،

غاپىللار ئۈستىدە  بولدى شاھانە.

گۈندىپاي جاللاتنىڭ قولىدا پەرمان،

تۇماقنى چاپماققا بولدى باھانە.


چاپقىنى تۈماقكەن دېمىگىن زىنھار،

نەزەرسال ئېچىدە گۆھەر تىنىق بار.

پايدىسىز ئىشلارغا بولماس ئاۋارە،

ئۇنۇڭدىن شانشەرەپ،ئۆزگە نىمە بار.

 

تېزەكلەپ  ئېغىلدا  ياتار ئارغىماق،

تۇلپار بۇپ مىنگىنى،چاپماقتا خېچىر.

غاپىللار يۈزلىرى ئوتقاشتەك  مىسال،

بىچارە مىسكىننىڭ نۇرسىزدۇر چېھىر.

 

جۈمەگە تەئەددۈت ئەمما ياشلىرىم،

ئېبادەت تامامدۇر  قاۋاققا ئاشنا.

قىزلاردا ھايا يۇق، تاتلىسا تىرناق،

بىچارە ئانىنىڭ كۆزىدە  ياشلا.

 

چىقالماس پەلەككە تۇتقان رۇزلار،

ئويلانماي ياشىدۇق بۇنۇڭ ۋەجىنى،

شەھۋەتنىڭ ئالقىنى سىلىسا ساغرا،

زەبەر دەس ئاتىلار يۈتتى دەردىنى.

 

ئېسىلدۇق پۇشقاققا ئېت كەبى ھۇلاپ،

ئال دىسە پاچاقتىن،ھاۋ- ھاۋلاپ بىرىپ.

ئېرىشكەچ سەپلەرنىڭ ئالدىغا بىزلەر،

سۆزلىمەس ساراڭمۇ بىركىمگە بىرىپ.

 

ئۈن سىلىپ يېغلالماس قۇچاقتا بۇۋاق،

قالمىدى بىرچەتتە تۇغۇت ئانىمۇ.

مۇمايلار سەكراتتا ياتتى يالغاندىن،

گاس بولۇپ بىلمەسكە سالدى ئاتىمۇ.

 

ئەييۈ ھەللەزېينە  ياپىرىم،  پەريات،

نىم ئۈچۈن چىقىدۇ بىزلەردىن غەيۋەت.

يادىغا ئايلاندى( لام-جىم !) بۇ سۆزلەر،

بولمامدۇ گۇمراھلىق، بىزلەرگە ئېبرەت.

 

دۇئالار تۆكۈلدى ئالقاندا  تۇرماي،

يۇقمىغاچ ئوغلىغا تەربىيە سۆزلەر.

تاتمىدى ياقىزى ياتنىڭ قوينىدىن،

ئەركىلەپ خىلۋەتتە ئوينۇتۇپ كۆزلەر.

 

نۇر چاچقان سۇلارغا، چۈشتى پاقىلار،

نېجاسەت كەلگەچكە يۇقۇردىن ئېقىپ.

پاقىدەك  ياشامدۇ ئېچكەنلەر ئەي ھان،

سىسىغان سۇلارنى دۈم يېتىپ ئېچىپ.

 


غاپىلنىڭ ئېشىگى  كەلدى  ھاڭراپ،

ئاتلارنى ئېگەرلەپ مىنەي دېگەندە.

قەلىپتىن  زېكىرمۇ  جۇدا  ئەيلىدى،

بىراۋنىڭ ھەققىنى ھاران يېگەندە.

 

يار بىلىپ سۆيگەندىن كەلمىدى ۋاپا،

قەلبىمگە دەھشەتلىك ئازاپلار سالدى.

ئۆلمىدىم ئەلەمدە، قان يۈتۈپ يۈردۇم،

چىن سۆيگۈتىلەكلەر دەت بولۇپ قالدى.

 

بەزىلەر مارلاشقا تۈڭلۈكتىن ئامراق،

بىراۋنىڭ نىكاھى ئوقۇلغان كىچە.

ساتقۇنمۇ دەپ قالمەن قاشا تاملارنى،

شەپىمۇ بەرمەيدۇ كىرىپ- چىققۇچە.

 

ئاپتۇرى:مۇساجان ئابدۇل،غولجا
1822643898،ئاپتۇر ئۈندىدارى

2015-7-27 

ئەجرگە ھۆرمەت قىلىپ ئاپتۇر ۋە ئۈندىدارنى ئۆچۈرمەڭ

 ئەجىرنىڭ بۇزغۇنچىسى بولماڭ





178 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-29 15:07:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ