دادامنى دورايمەن
ساتىرىك شئېر
ئابدۇللا كامال(گۇما)
2098738086
تاھارەتتە ماڭدى مەسچىتكە،
ئاكام بۈگۈن غوسلىمۇ قىلىپ.
دادام دۇتتار قۇچاقلاپ تىخى،
تارتتى قاپاق بولماققا كەيىپ.
كونا كىگىز ئۇنىڭ جەننىتى ،
ئەسكى تامنىڭ تۈۋى دادامنىڭ.
كۆڭلىكىنىڭ مەيدىسى ئەلگەك،
پىشى نەدە يىڭى چاپاننىڭ.
جامائەتلەر ئۆلۈمگە ماڭسا،
دادام تاتلىق تارتىدۇ خورەك.
يىڭى يوتقان ياراشمامدىكىن،
ئۆيگە كەلمەي يىتىشى ئورەك.
كەچ كىرسىلا كوچىدىن ئىزدەپ،
ھەتتا سوراپ سانى بوتكىدىن.
تاپالمايمىز پايلاپ تاڭغىچە،
كىلەر كىيىن بىرەر سوتكىدىن.
كىمنىڭ قويى كالىسى يۈتسە،
گۆشى ۋاي تاڭ تىرىسى بىزنىڭ.
تۆت كۈندە بىر جىدەل ئوينايمىز،
ئالتە ئەرلىك ئەشۇ تۇل قىزنىڭ.
ئاپام ۋايساپ تونۇر بىشىدا ،
ئوتۇن دىسە دادام دۈگدىيىپ.
تامام ئىشلار تۈگىسە سەگەك،
داستىخانغا كىلەر ھىجىيىپ.
ئاپام يۇيۇپ بەرگەن ئىشتىنى،
ئىغى يىرتىق يانچۇقى تۆشۈك.
قاۋاقلاردا دادام ساھىپخان،
ئۆيدە بارى چامغۇر بىدە كۆك.
ئاپام نەچچە دىدى كىتىمەن،
بىزنى ۋەيران بولمىسۇن دىدى.
ئەركەكلەردەك بىلىنى باغلاپ،
ئالدى پۈتۈن ئۆينىڭ يۈكىنى.
ئاپام قىرىپ ماكچىيىپ كەتتى،
بىلى دوڭغاق كۆزلىرى خۇنۈك.
قايناقسۇدىن بۆلىكى زىيان،
بىزمۇ ئۇنىڭ پەيلىگە كۆنۈك.
دادام مانا ئەردەك ياشىدى ،
ئاتمىشتىن چوڭ چىچى قاپقارا.
ئاپام ئەركەك ئۆمرىدە كەتتى،
قاشمۇ ئاقتىن قالمىدى چالا.
مىنى تولا باشقۇرما ئاداش،
پۇشتى مەنغۇ ئۇنى دورايمەن.
بىسىپ دادام ئىزىنى شۇنداق،
ئەركەك ئەمەس ئەردەك ياشايمەن.
ئەزىز قىرىندىشىم ئەسىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت، ئەمما ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىپ، ئاپتورىنى ئۆچۈرمەڭ.
2016-8-23
188 قېتىم كۆرۈلدى |
ئابدۇللا،كامال(گۇما) |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2016-10-30 2:06:10 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-4 23:18:57 |
ئابدۇللا كامال |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلىرىم مەلۇم تۇرمۇش ئالاقزادىلىكى تۈپەيلى، ھىكايەم يەتتىنچى قىسىمدا توختاپ قالدى، بۇنىڭدىن تولىمۇ خىجىلمەن، خۇدايىم بۇيرىسا پات يېقىندا يەنە بىر كۆپ قىسىملىق ۋەھىمىلىك ھىكايەم بىلەن تەڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن. |
2016-11-4 10:46:18 |
alimm |
mazmun bak isil qikip tu
awu kokunuxluk roman ahirni yolliwatkan busigiz buptikan |
2016-11-2 23:45:02 |
ayxam |
hormatlik. andula. kamal. qatma. yikayingizning. ahirini. yazmidingizgu. kunda. karap. takazza. bop. katim |
ئىنكاس يېزىڭ