يۇرتۇم گۈزەل باي - تاھىرجان ھېيت

 يۇرتۇم  گۈزەل  باي

باي خەلق ئوغلانى تاھىرجان ھېيت


مېنىڭ    يۇرتۇم     گۈزەل   باي،
نېفىت  كۆمۈر  بايلىققا  باي جاي.
مول   ھوسۇللۇق   يۇرتتىن   بۇ،
سەيلە قىلىشتا جەننەتتەك بىرجاي.

موللا مۇسا سايرامى شائىرنىڭ يۇرتى،
نېم  شېھىت  ئارمىيە ئالىمنىڭ  يۇرتى.
ھەر مىللەت  خەلقى  بەك ئىجىل ئىناق،
ئەزەلدىن دوستانە يۇرتۇم باي خەلقى.

قىزىل   مىڭ  ئۆيى   مۇزاتنىڭ  سۈيى،
تەنگە  شىپالىق   ئارىشاڭنىڭ   سۈيى.
باي خەلقىم  ئىشچان  مىجەزى ئوبدان،
ئىسمى  جىسمىغا  ياراشقان  بۇ  جاي.

مەشرەپ ساز ناۋا ياڭرايدۇ ھەر يان،
سەنەت خۇماردۇر يۇرتۇم باي خەلقى.
مېھرى  ۋاپالىق   شەرمى    ھايالىق،
يۇرتۇم  شۇ  باينىڭ  يىگىت قىزلىرى.

قاشلارى  ئوقيا  گەپ  سۆزى  ھەسەل،
گۈزەل باي  قىزنىڭ  سۆزلىرى  شېكەر.
يەرلىرى  مۇنبەت   سۇلىرى   خىلۋەت،
ھەممە بايلىق كانى بار زېمىنى  گۆھەر.





130 قېتىم كۆرۈلدى majnuntal ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-8 2:24:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ