دوسىتلۇق ھەققىدە - ئ‍ې. تۇرسۇن خەنجەرى

دوستۇمغا

 

 ئ‍ې. تۇرسۇن خەنجەرى

 

مىنى دوستۇم دەپ بىلسەڭ جان بىرىمەن سەن ئ‍ۈچۈن،

 زۆرۆر بولسا يۈرەكتىن قان بىرىمەن سەن ئ‍ۈچۈن.

 زەر كۆڭلۈمگەئ‍المىدىم ماڭا قىلساڭ ساختىلىق،

 مۇشت يىسەممۇ ياندۇرۇپ نان بىرىمەن سەن ئ‍ۈچۈن. 

 مىنى تاشلاپ قويساڭمۇ قارا قىشتا تالاغا،

ياكى تىقىپ قويساڭمۇ باش-ئ‍اخىر يوق بالاغا.

 زارلانمايمەن ھەم بۇتناپ سەندىن تېنىپ كەتمەيمەن،

ھەسرىتىمنى تۆكىمەن خەققە ئ‍ەمەس ھاۋاغا. 

 لىكىن ئ‍ەستە ساقلىغىن،كۆڭۈل دىگەن بەك نازۇك،

سۇقۇۋاتقان مەندىكى بىر يالقۇنلۇق يۈرەكتۇر.

قەدىرلىگىن دوستلۇقنى مۇددىئاسىز بول ئ‍اداش،

 ھەقىقى دوست ئ‍ۆلگىچە بىر-بىرىگە كىرەكتۇر.

 

 2016-يىل2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئ‍اقسۇ





202 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ې. تۇرسۇن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-28 13:43:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ