قاچان ئارام ئالسىز ئانا؟
ئاپتورى : تۇرغۇن كىرەم
ماشىنا ئادەم ئەمەسسىز ئانا ،
قاچانغىچە ئىشلەيسىز يانا؟
يەتمىش ياشقا كىردىڭىز مانا ،
قاچان ئارام ئالىسىز ئانا ؟
بۇ بالىلار ئويلامدۇ سىزنى ،
ئويلامدۇ دان بەرگەن ئىڭىزنى ؟
سىز باققاندەك باقامدۇ سىزنى ،
قاچان ئارام ئالىسىز ئانا ؟
كۆكسى - قارنىڭىز شۇنچىلىك كەڭكەن ،
سىلىشتۇرسا ئالەمگە تەڭكەن .
ئانا بولماق شۇنداق بىر جەڭكەن ،
قاچان ئارام ئالىسىز ئانا ؟
بالام دەپلا جاپالار چەككەن ،
زۆرۈر بولسا جىنىدىن كەچكەن .
قايسى بالاڭ قەدىرىڭگە يەتكەن ،
قاچان ئارام ئالىسىز ئانا ؟
ئادەمدە چەكلىك بۇلىدۇ ئۆمۈر ،
سىزدىكى جان ئەمەسقۇ تۆمۈر .
بالىلار مەش سىز بۇلۇپ كۆمۈر ،
قاچان ئارام ئالىسىز ئانا؟
دەردىڭىز بار يىتىپ ئاشقۇچە ،
ئىشلىدىڭىز يەتمىش ياشقىچە .
كۆرۈنىسز شۇڭا باشقىچە ،
قاچان ئارام ئالىسىز ئانا ؟
ئانا چەككەن جاپاغا قاراپ ،
مەن ئۆزەمنى باسالمىدىمغۇ .
ھەممە نەرسە تاپتىم بازاردىن ،
بىر ئانامنى تاپالمىدىمغۇ ؟
قەدىرلەيلى ئانىنى دوسلار ،
ھەممە ئىشنىڭ بۇلار قايدىسى .
ئۈلۈپ كەتسە ئاشۇ ئانىلار ،
يىغلىغاننىڭ نىمە پايدىسى.
2016 - يىلى21 - مارت دۈشەنبە
ئورنى : شىخەنزە سايباغ
128 قېتىم كۆرۈلدى | katmanbay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-17 23:36:58 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-19 12:53:18 | تەۋرات نەجمىدىن |
قاچان ئارام ئالىسىز ئانا ؟شېئىرى ئەسلى شىخەنزىلىك دىھقان شائىر تۇرغۇنجان كېرەم (يۇلغۇن )نىڭ بۇلتۇر شىخەنزىدىكى يەرلىك نورۇز مەشرىپىدە ئۆزى دىكلاماتسىيە قىلغان شېئىرى بۇلۇپ ،بۇ يۈزسىز كەتمەنباي بىر چىكىت بىر پەشنىمۇ ئۆزگەرتمەي ئۆزىنىڭ قىلىۋالغىنىبىر ئاشكارا نۇمۇسسىزلىق ، |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|