‏چىغىر يولدىكى مىسكىن يۈرەك (شېئىر) - ھۈسەنجان ئوبۇل لىرىك

 ‏چىغىر يولدىكى مىسكىن يۈرەك

 -ھۈسەنجان ئوبۇل لىرىك


قانالماي سۆيگۈڭنىڭ پۇراقلىرىغا،
قەلبىڭنىڭ بېغىدا تىنەپ يۈرىمەن.
قاغجىراپ يىلتىزى قۇرىغان دىلنىڭ،
ياپيېشىل غولىغا تاتلىق سۆيىمەن.

رەستىلەر ئارىلاپ سېنى ئىزلەيمەن،
ھەر كوچا ياندىشىپ سەن بىلەن ماڭسام.
چارچاشتىن يوللۇرۇڭ قورشاۋدا قالسا،
سەن ئۈچۈن نەچچە رەت ئارقامغا يانسام.

باغلىدىڭ يۈركۈمنى نەچچەرەت چىرماپ،
زەنجىرى ۋېسالىڭ بۇشاشماس پەقەت.
خەير دېدىم نە ئامال قىيناشلىرىڭغا،
كۆز يۇمۇپ تۇرىمەن قىلىپ چوڭ تاقەت.

تاشلىدىڭ باغلاقتىن بۇشاتماي تۇرۇپ،
بەختىمنى قىلمىدىڭ ھىچكىمگە ئۆرنەك.
چەت يىراق چۆلدىكى چىغىر يوللاردا،
بوپ قالدى نىمجان بوپ بۇ مىسكىن يۈرەك.

2016-يىلى 21-دېكابىر (ئۈرۈمچى)
     





87 قېتىم كۆرۈلدى husanlirik ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-27 2:32:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ