كىتاب سۆيگۈسى
كامۇل ئىسمايىل
(ئىز) بىسىپ كەلدى ئوغلان ئات چاپتۇرۇپ،
(ئويغانغان زىمىن) ئىشقى يۈرەگىدە.
قولىدا (جاللات خېنىم) ھالسىرايدۇ،
(بەخىتسىز سەئېدىيە) قان رەڭگىدە.
(سەرسان روھ) ئىزتىراپى قىينار ئۇنى،
(لېيىغان بۇلاق) سۇيى ئىچتى بەلكىم.
سۆزلەيدۇ (سەئىدىخان) قىسمىتىنى،
(ئانا يۇرت) سېغىنچىدا يۇرەر ھەر كىم. .
(نوزوگۇم) ماكان ئەتكەن قۇمۇشلۇققا،
ئېھتىمال تۇتاشقاندۇر (سادىر يولى.)
ئەركىنلىك ئارزۇسىدا قەھرى بىلەن،
قىنىدىن تاشتى (ئىلى دولقونلىرى.)
سەگىتەر يەنە (ئاۋرال شاماللىرى)
(داغ) چۇشكەن (كۆڭۈل) لەرنى زوقلاندۇرۇپ.
(مەن كەچكەن كىچىكلەر) نى كۆرمىدىڭ، بەس!
(قۇم باسقان شەھەر) قالدى ئاھ! ئۇنتۇلۇپ.
(تۇركى تىللار دىۋانى) سەمەرىمىز-
(تەڭرىنىڭ ھۆكمى) بىلەن بولغان نىسىپ.
(ئامەت ۋە ئاپەت) مۇ يار ئېقىنلاردىن،
(سالچىلار) بىلىقلاردەك ئۆتتى كىسىپ.
ئەسلىدە (كىرورانلىق بالىلار) بىز
ئوخشايمىز (ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر)گە.
ھەيرانە (تاڭ ئالدىدا تۇغۇلغانلار،)
چىن پۇتمەس (پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر) گە.
(ئالتۇن كەش) تۇيغۇمىزنى غىدىقلايدۇ،
(بەدوۋلەت) زامانىسى قالدى ئۇزاق.
(تۈندىكى چاقماق) ئىلىپ كەلگەن ھېسلار،
(خىرۇستال قىز) يولىغا سالدى توزاق.
(ئىزدىنىش) روھىغا باي ئەجداتلىرىم،
تىنىمسىز ئۆتكەن (قاينام ئۆركىشى) دەك.
(كۆرەشچان يىللار) بىلەن ئازات زامان،
يۇرمەمدۇ (ناتىۋانلار) ھۆر كىشىدەك.
2017-1-6-كۇنى
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى ( ئەختەر )
ئۈندىدار : 204142058
7 قېتىم كۆرۈلدى | كامۇل ئىسمايىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-1-9 13:28:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|