قىسمىتىمگە ھەيرانمەن -ھەيران
ھۇشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
قىسمىتىمگە ھەيرانمەن ھەيران،
ھاھ ئۇرساممۇ پۇچلىنىپ ھەريان .
ھېچ مۈشكۈلۈم بولمىدى ئاسان ،
قىسمىتىمگە ھەيرانمەن ھەيران !

باغلاردا يوق مەن ئامراق غۈنچە ،
يار ئاغزىدا "ناچار " مەن شۇنچە .
"خاكقا يەتتى قەدىمىم ئونچە "
قىسمىتىمگە ھەيرانمەن ، ھەيران !

دادام ئەمەس ئۇنچە باي -پۇلدار،
مىنەلمەيمەن گېدىيىپ تۇلپار.
شۇ سەۋەبمۇ ئالەم ماڭا تار ،
قىسمىتىمگە ھەيرانمەن ، ھەيران !

سۆيگۈ ماڭا زۇلمەتنىڭ ئۆزى ،
ھەر چاغ كوردۇر كۆڭلۈمنىڭ كۆزى.
ياراتمىدى بايلارنىڭ قىزى ،
قىسمىتىمگە ھەيرانمەن ، ھەيران !

باھار كەلدى لىكىن چېچەك يوق،
دۇنيا مۇزغا ئايلانغان تولۇق .
قەلبىم جانان چىنىدەك سونۇق ،
قىسمىتىمگە ھەيرانمەن ، ھەيران !

يامان ئاتاق قالدى مەن بىلەن ،
جور بوپ كەتتىڭ " ياخشىلارغا" سەن.
ئەققىدەمنى بولغىدىڭ قەستەن ،
قىسمىتىمگە ھەيرانمەن، ھەيران !

زۇۋال تاپتىم تېخى ياش تۇرۇپ ،
دۈشمەن كۈلدى ھالىمنى كۆرۇپ .
" بىۋاپانى قاپتىمەن سۆيۈپ"
قىسمىتىمگە ھەيرانمەن ، ھەيران !
ئىزاھات : خاك - تاجىكچە ئاتالغۇ بولۇپ ئاخىرەت ، پانىي دۇنيا دېگەن مەنىدە .
| 225 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-4-27 15:08:56 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2016-5-4 21:10:28 | ahmat. seyit | 
| bak. yahxi. yeziliptu. dostum | |
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |