ئىشەن ھەممە كېتىدۇ ئۆتۈپ
(مەۋلىدە ئىسرائىل )
بەلكىم تارتقان كۈلپەتلىرىڭ كۆپ،
ياتتىن ئالغان تۆھمەتلىرىڭ كۆپ .
قېرىندىشىم بولساق زەبەردەس ،
ئىشەن ھەممە كېتىدۇ ئۆتۈپ .
تۈلكە ساڭا ئاتسا كېلىپ تاش،
ئېتىپ قويغىن چاقچاق قىلىپ قاش،
كۆزلىرىڭگە تەرمە ئاچچىق ياش،
ئىشەن ھەممە كېتىدۇ ئۆتۈپ .
تاغدەك كېلىپ باسسىمۇ كۈلپەت ،
ئېزىپ تالقان ئېتەر شىجائەت ،
يۈرىكىڭدە كۈلسە ساداقەت ،
ئىشەن ھەممە كېتىدۇ ئۆتۈپ .
بۇلۇت سۈرۈپ قۇياش تۆكەر نۇر،
قېرىندىشىم شۇڭا كۈلۈپ يۈر،
ھاياتىڭغا ئۈمىدنى قىل جۆر ،
ئىشەن ھەممە كېتىدۇ ئۆتۈپ !
| 109 قېتىم كۆرۈلدى | مەۋلىدە ئىسرائىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-31 23:08:16 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|