دادامغا

دادامغا

 

ئ‍ابدۇۋەلى ئ‍ەزىزى

 

يىغلىمىغان ئىدىممەن بۇنچە پەريات كۆتۈرۈپ ،

مانا بۈگۈن يىغلىدىم ئۆكسۈپ ـ ئۆكسۈپ ئېچىمدىن.

 تەقدىر شۇنداق رەھىمسىز بولارمىدۇ بىلمىدىم،

ئېلىپ كەتتى ھەجەپمۇ سېنى مېنىڭ يىنىمدىن.

 

 كۆز يۇمغاندا جان دادا سەن دۇنيادىن خۇشلىشىپ،

 يۈرىكىمنى قاپقارا تۇمان باستى شۇ ھامان.

 بىلمەپتىمەن قەدرىڭنى سېنىڭ ھايات چىغىڭدا،

 ئەمدى بىلەي دىسەممۇ قىلالمىدىم ھېچ ئامال.

 

 خەيرى ئەمدى جان دادا خۇدايىمغا ئامانەت،

جەننەت بەرگىن دەپ تىلەي قول كۆتۈرۈپ ئاللاھغا.

 ساقلاپ تۇرغىن مېنىمۇ پات يىقىندا بارىمەن،

ئۇ دۇنيادا باغرىڭنى ئاچقاش تۇرغىن جان دادا





172 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ابدۇۋەلى ئ‍ەزىزى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-3 0:27:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ