بىلسەڭ نېمە بولار (شېئىر) - مەمەتئېلى ئابدۇقادىر

بىلسەڭ نېمە بولار (شېئىر)

 مەمەتئېلى ئابدۇقادىر


 يانار دائىم كۆرسەم سېنى قەلبىمدە گۈلخان،
ئىشەن ماڭا چىن مۇھەببەت بۇ ساڭا بولغان.
يۈرەگىمدە ئارزۇ ئارمان سەن ئۈچۈن تولغان،
چىدىمايمەن ئەمدى ماڭا ئېيتمىغىن يالغان.

ئېيتاي دېدىم، ئېيتالمىدىم سۆزلىرىم تولا،
كۆرسەم سېنى دەپ قالىمەن نېمە دېسەم بولار.
قىينالدى جان يار ئوتۇڭدا قېينىما تولا،
كەل يىنىمغا بىز بەختلىك ئۆتسەك نېمە بولار.

كەلسەڭ جېنىم ئەمدى بىللە ئۆتسەك بولاتتى،
ئۆتسەم بىللە غەم قايغۇلار يۈتكەن بولاتتى.
قەلبىمدە. ئوت كۆيەر دائىم بىلسەڭ بولاتتى،
ساڭا كۆيدى سەۋدا يۈرەك بىلسەڭ نېم بولار. 


تېلېفون  18096905935
     





35 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتئېلى ئابدۇقادىر ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-27 0:46:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ