پاك ئەقىدەم بۇلغاپ بوپتۇ ئەسلىدە
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
دىسەم سېنى ئاسماندىكى سۆزۈك ئاي ،
پاك ئەقىدەم بۇلغاپ بوپتۇ ئەسلىدە !
بولۇپ قاپسەن ئۆزگىلەرگە قاتار چاي ،
پاك ئەقىدەم بولغاپ بوپتۇ ئەسلىدە !
شۇراپ بوپتۇ ياتلار شېرىن -شېرنەڭنى ،
ئورۇپتۇ ھەم پېشماي تۇرۇپ بېدەڭنى .
سىر تۇتىسەن ئەمدى مەندىن نېمەڭنى ؟
پاك ئەقىدەم بولغاپ بوپتۇ ئەسلىدە !
چاغلىق ئىكەن نۇمۇسلىرىڭ -ئارلىرىڭ ،
تۈلكە ئىكەن تاللاپ سۆيگەن يارلىرىڭ .
كىمگە يىتەر ئەمدى ئاھۇ -زارلىرىڭ ؟
پاك ئەقىدەم بولغاپ بوپتۇ ئەسلىدە !
يىتىپ ، ئاشتى سەندىن ماڭا پالاكەت ،
دەرت تۈكمەيمەن ياكى ساڭا يېزىپ خەت .
خىتاپ قىلاي ! ئاڭلاڭ شۇنى ئاخىرەت -
پاك ئەقىدەم بولغاپ بوپتۇ ئەسلىدە !
| 46 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-20 11:11:20 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|