يارىم مېنى بۇنچە قېينىما
ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى
يارىم ماڭا كۆيدۈم دەپ قويۇپ،
يۈرىگىمگە ئوتنى سەپ قويۇپ.
ئايدا يىلدا بىرەر كەپ قويۇپ،
يارىم مېنى بۇنچە قېينىما.
جامالىڭغا قانمىدى يۈرەك ،
تەشنالىقتا ئۆتىمەن دىمەك.
كۈتكىنم يوق سېنىڭدىن بۆلەك،
يارىم مېنى بۇنچە قېينىما.
چىن سۆيگۈمنى ساڭىلا ئاتاپ،
ئۆتتى ئۆمرۈم سېنلا ساقلاپ.
سەن ئالامسەن جېنىمنى قېيناپ،
يارىم مېنى بۇنچە قېينىما.
ھىجرانىڭدا قېينالدى جېنىم،
كۆنۈپ قاپتۇ ساڭلا كۆڭلۈم .
ياشالمايمەن سېنىڭسىز گۈلۈم ،
يارىم مېنى بۇنچە قېينىما.
ئوتلىرىڭدا كىچە ئۇيقۇ يوق،
دەرتلىرىمگە قىلچە داۋا يوق.
يۈرىۋەرمە ئەمدى پەرۋا يوق،
يارىم مېنى بۇنچە قېينىما .
ئۈندىدار 2318334127
2016...9..8
46 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-17 1:10:19 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|