مەن ۋە بۇۋاي (نەسىر) - مەردانى پىچان

مەن ۋە بوۋاي

ئاپتۇرى : مەردانى پىچان


 يۇلدا ياش بالا ، بىلەن بىر بۇۋاي كىتىۋاتاتتى ،ياش بالا شۇنچە ئاستا ماڭسىمۇ، بۇۋاي يەنىلا ئارقىسىدا قالاتتى، ياش بالا دەرھاللا «دادا» تۇز يىگەندەك مىڭىپ باقە چاقان بۇل بۇنداق ئاستا ماڭساق كىچىكىپ قالمىزدىدى، بۇۋايمۇ شۇ زامان قەدەملىرنى تىزلەتتى ھەم بالىنىڭ يىنىغا كىلىپ تۇختىدى، «بالام مەن ياشىنىپ قالدىم ، مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا خىلى كۆپ يۇللارنى ئىز قالدۇرۇپ ماڭغان ، مانا ئەمدىلىكتە يىللارنىڭ ماڭا بەرگەن سۇۋغىتى دەل قىرىلىق بۇلدى ،مىنىڭ يىگەن ئاش تۇزلىرىم ، سەن مۇشۇ چاغقىچە يىگەن تاماقلىرىڭدىن كۆپرەك ، » دىۋىتىپ ھاسىراپ سۆزلەشتىن تۇختىدى، شۇنداق بۇ بۇۋاي ئۆزىنىڭ قاچان تۇغۇلغانلىكى بىلمەيتتى ئۇ يىللارنى ئەسلەپ بۇۋاي نۇرسز كۆزلىرى بىلەن ، مەن 85 ياشتىن ئۇشۇق ياشىدىم ، مىنى تۇرمۇش ھەر يەرلەردە تاۋلاپ چىقتى، ئەينى ۋاقىتتىكى ھالىتىمنى ئەسلىسەم خىلى رۇھلىنىپ قالمەن ، ئەينى ۋاقىتلاردا مەن ئات ھارۋىسى ھەيدەيتتىم ، مانا ئەمدىلىكتە ئاتلىق ماڭغانلارنى كۆرگىلى بۇلمايۋاتدۇ ، پىيادە ماڭسام پۇتلىرىمنى ئاران ئاران يۈتكەۋاتىمەن، مەن قىرىپتىمەن بالام ……

بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان بالا جىممىدە بۇلۇپ قالدى ، ئۇلار يۇللىرنى داۋام ئەتمەكتە، دەل مۇشۇ چاغدا يۇلنىڭ يان تەرپىدە بىر قانچە ئايال چۇكانلار ئۇلتۇرشۇپ پاراڭ سىلىۋاتاتتى ،ئارىدىن 13ياشلار ئەتراپىدىكى بىر قىزچاق …«كەل دادا كەل دادا دادا كەل» دەپ بۇۋاينى بىر قانچە نۆۋەت ياق ياق ئۈچ تۆت نۆۋەت چاقىردى ، بۇۋاي ئۇ تەرەپكە قاراپ ئۈندىمىدى، ھەم «رەھمەت ئۇبدان» دىگەندەك قىلىپ بىشىنى لىڭشاتتى، دەل مۇشۇ چاغدا، چۇكانلار خىجىل بۇلغان چىغى …« ھە كەلسىلە دادا كەلسىلە،»دەپ قۇيدى بۇۋاي يەنە ئۈندىمىدى ، چۇكانلارنىڭ خىجىللىق ئۈستىدىن دىگەن بۇ سۆزلەر ئۇلارنىڭ چىن يۈرىكىدىن چىقمىغان ئىدى،خۇددى تەنە ئارلاش دىگەندەك تۇيۇلدى، بۇۋاي يەنە قەدەملىرنى ئاستا پۈتكەپ مەنزىلگە قاراپ يۇل ئالدى……

بۇ ۋاقىتا ياش بالا نىمە دىيشىنى بىلەلمەي بۇۋايغا قاراپ تىڭىرقاش ئىلكىدە ، يۇللىرنى داۋام ئەتمەكتە ئىدى ……

بىز كىتىۋاتىمىز...


2014-يىلى مەلۇم بىر كۈنى يىزىلدى

2يىلدىن كىيىن 


دادامنىڭ قەدىمى بەكمۇ ئاستىكەن،

تاشپاققا ئۇنىڭدىن تىزرەك ماڭاركەن.

بۇ ۋاقىت مەن ئۈچۈن ئۇلتۇنماس ئىدى،

شۇ دادام ئەمدىلىكتە نەلەرگە كەتتى،


بۈگۈنمۇ تاڭ ئاتتى چىقتىم سىرتقا،

شۇ يۇللار مەن ئۈچۈن سۇغۇق كۆرۈندى،

شۇ ۋاقىت ئەسلەپ سىغىنىپ مەنمۇ،

كۆزلىرىم نەمدىلىپ ياشلارغا تۇلدى،


ئەي دادا نەدىن كىلىپ قەيەرگە ماڭدىڭ،

يۇقمىدىمۇ يىنىڭدا شۇ مىھرىبان مۇماي،

يۇقسۇلنىڭ دەدىدە قەددىنى پۈكمىگەن،

شۇ مىنىڭ غەيرەتلىك تىرىشچان دادام.


يىللار شۇنداقلا ئۈتۈپ ماڭمۇ كەلدى،

بۇ ۋاقىت ئىشلار ھەممىسى ئەكىسچە،

شۇ ۋاقىت دادامنى تىز ماڭغىن دىگەن،

ئەمدىلىكتە مىنىمۇ ئۆز بالام شۇنداق دىدى.


ھەسرەتتە مۇڭلىنىپ سۆزلىدىم ھىكايەمنى،

بالامنىڭ ۋاقتى يۇق ئاڭلىغىسى كەلمىدى.

بالام تۇختا مەن سۆزلەي شۇ ھىكايەمنى،

سەنمۇ بىر چاغ قىرىيسەن مەندەك كەبى،


ھە ماقۇل جان دادا مەن ئاڭلاي قىنى،

سۆزلىگىن ئاڭلايمەن سەن يالغۇز ئەمەس،

بالام مەن قىرىدىم ئىز باسارىم بۇل ئەمدى،

مىنى مۇماڭ ساقلاپ قالدى ئەنە يىراقتا،


بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ياش بالائەمدى،

نىم دىگنىڭ بۇ دادا نىمىلەرنى دەيسەن،

مەن بارغۇ يىنىڭدا ئۈمۈتسزلەنمىگىن،

يۇللارنىڭ داۋامنى چۇقۇم مەن باسىمەن،


رەھمەت جىنىم بالام سەندىن مەن رازى ،

خۇش بۇلدۇم مەن ئەمدى ئاخرقى نۆۋەت،

نۇرسىز كۆزلىرى ئاستا -ئاستا يۇمۇلۇپ،

زۇۋانى چىقمىدى ، شۇ يەر گە كەتتى ،


 جان دادا نىم بۇلدۇڭ گەپلىرىڭ بارمىدى،

ئىلگىرى ئىيتمامسەن ، كۆزۈڭنى ئاچقىنا،

مەن ئاڭلاي ھەممە يۇرتتداش يىغىلدى،

ئۇلارمۇ ھەم مەنمۇ سىنىلا ساقلاپلا قالدى،


بۇۋاي كەتكەنتى ئەمدى كەلمەسكە،

بارچىنى يىغلىتىپ كۆزلىرىنى ياشلىتىپ،

بۇۋاينىڭ قىلغىنى ئاخىرقى سۆزى شۇ،

مىنىڭ يۇلۇمنى باسقىن دىگەنتى،


شۇ يۇللارنى ئىزدەپ ماڭدىم ئەتىگە،

ئەتىنىڭ نىم بۇلىشى ماڭا نامەلۇم،

دەتلىرىم بار ئىدى دادا ساڭا دەيدىغان،

ئەمدى كىم ئاڭلايدۇ مىنىڭ دەردىمنى،


بۇ دەردنى ئىيتالماي دۇستلارغا سۇندۇم،

بىر يىلقى بۈگۈننى ئەسلەپ ئۈنسز ياش تۈكتۈم،

نەقىلاي مەندە چارە يۇق ، بىلمىدىم شۇئان،

قەدىرلەپ ئۈتەيلى شۇ ئەزىز دادىلىرمىزنى،


خەيرى -خۇش بۇ دۇنيا كۈلپەتلىرىڭگە ،

مەن ماڭا ئىز سىلىپ ئاشۇ يۇللارنى،

خەيرى خۇش ئادەملەر ھەي ئەدەملەر،

مەن كەتتىم يىراققا ، سىلەر يۇق ئەنە،


سۆزلىسەم داستاننىڭ ئاخىرى چۈشمەس،

مەن يىغلىسام ھەر كىمنىڭ قەدرى ئۈتۈلمەس.

ئەلۋىدا ئادەملەر ھەسەتخۇر كىبىرلىك دۇنيا،

مەن ماڭا يەنىلا ئۈزۈمنىڭ ئۇزۇن يۇلىلىرغا،


بىر يىل ئاۋالقى بۈگۈننى ئەسلەپ شۇ ئەزىز دادامنىڭ خاتىرە كۈنىگە تەغدىم، 

كەتكىنىدە ھار - زار يىغلاپ دادا دەپ پەريات چەككۈچە ، ھايات ۋاقتىدا ئىززىتىنى قىلۋالايلى ، بۇ يۇللار خۇددى تۈگىمەس ناخشىدەك ئۇزۇن ئىدى ، شۇنداق بۇلسىمۇ مەن يەنىلا شۇ يۇللارغا ماڭاي . خەيىر ئادەملەر……


2016-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى يىزىلدى






214 قېتىم كۆرۈلدى mardan007 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-19 17:17:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-8 4:48:08 چۈچۈك
تېمىسى بىلەن تېكسىت ئىككى مەنانى ئىپادىلەپ قاپتۇ،تېمىسى «مەن ۋە بوۋاي »بىراق تېكسىتتا مەن ئەمەس بالا دەپ تەسۋىرلەنگەنىكەن.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ