ئىچىنىش (شېئىر) - پازىلجان سىدىق

ئىچىنىش

ئاپتۇرى: پازىلجان سىدىق


 ئىچىنىمەن ھاياتىمغا،
ئىچىنىشقا لايىقتۇرمەن.
ئىچىنمىسام ھاياتىمغا،
دەردىمنى قانداق يۇتىمەن.
ئىسىت،
سەككىز يىل،
بىكالا كەتتى،
بۇلۇڭدىلا،
ئۆتۇپلا كەتتى.
كۈتكەن ئىدىغۇ،
ئاتا-ئانام
زور ئۈمۇتنى مەندىن،
بىراق......
ئاقلىيالمىدىم دەپ،
باشلايمەن غەمدىن.
بەرگەن نىنى،
سىڭگەن تەرى،
زايە كەتتىغۇ.
مەندەك ۋاپاسىز ئۈچۇن،
جاپا چەكتىغۇ.
ئەمدى ئويلىسام،
خاتا قىپتمەن،
يىڭى زاماننى،
كۆرمەي قاپتىمەن.
ھەي..........
شۇنداق بولسىمۇ،
قايتىدىن ئويغىنىمەن.
قەددىمنى كۆتۇرۇپ،
ياخشى ئۈگۇنۈپ،
كەلگۈسىگە يۈزلىنىمەن.

     





118 قېتىم كۆرۈلدى xungkar ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-4 14:11:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ