ئانا ! مېنى تۇققان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن !!!
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
نەسىر
ئۆزۈمنىڭ بۈگۈنكى تۇغۇلغان كۈنىمگە ئاتاپ
يىگىرمە نەچچە يىل ئىلگىركى بۈگۈنكى كۈندە ، يىراق سەھرادىكى شۇ جەننەت ماكان ئۆيۈمدە مىھرىبان ئانام پىغانلىق تولغاق ئازابى بىلەن ئەزرائىل بىلەن نەچچە مىڭ مەرتىۋە ئىلىشىپ مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئىكەن . شۇكۈندىكى ھايات – مامات چىگرىسىدىكى ئانام شۇنچە قىيناشلارغا بەرداشلىق بىرىپ مەندەك بىر نارسىدىنى بۇ دۇنياغا ئىلىپ كەلگەن ئىدى .باشقىلادىن ئاڭلىسام تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاق ئازابىغا ھىچنەرسە توغرا كەلمەيدىكەن .
مانا ، يىگىرمە نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى . يىگىرمە نەچچە يىل ئىلگىركى مۇشۇ كۈندە بىچارە ئانام نەچچە كۈنلۈك ئاغرىق ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەن بولغىيتتى ؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ، لېكىن شۇ كۈدىن ، ئانام مېنى بۇ دۇنياغا تەئەللۇد قىلغاندىن باشلاپ مىھرىبان ئانامغا مىڭ مەرتىۋە رەھمەتلەرنى ئىيتىپ ياشاپ كىلىۋاتقىنىمنى بىلىمەن. شۇكۈندىن باشلاپ بىچارە ئانام بارلىقىنى ماڭا تەقدىم قىلدى ، ھەربىر تىنىقلىرىدا مېنى ئويلىدى ، مەن سەۋەپلىك تالاي كېچىلەرنى كىرپىك قاقماي تاڭغا ئۇلىدى . ئۆزى يىمەي يىگۈزدى ،ئۆزى كىيمەي كىيگۈزدى . ئەڭ مۇھىمى ئانام تاھازىرغىچە ماڭا ھەم ئانا ، ھەم دادا بولدى . شۇ سەۋەپ باشقىلار دادىسىدىن ئىرىشكەن ھەرقانداق مىھىرنى مەن ئانامدىن ئىرىشتىم، يەنە شۇ مىھرىبان ئانامدىن ئىزدەشكە مەجبۇر ئىدىم .
ئانام بۇلغاچقا ، كىچىك چاغلىرىم شۇنچە مەنىلىك ئۆتكەن ئىدى . گەرچە بىزنىڭ ئۆي شۇنچە نامرات بولسىمۇ ،لېكىن ئانام ماڭا يوقسىزلىقنىڭ سىماسىنى كۆرسىتىش ئەمەس ، شولىسىنىمۇ يىقىن يولاتمىغان ئىدى . ئانام بولغاچقا مەن شۇنچىلىك بەختىيار ئىدىمكى، ھەرقانداق ئاتالمىش كۈندە زىياپەتلەردىن كېلەلمەي ، ئىسىل نازۇ – نىمەتلەرنى بولىشىغا يەپ ، كىچە خۇرۇلداپ خورەك تارتىپ ئۇخلايدىغان شۇ « ئىسىلزادىلەر » نىڭ بالىلىرىدىن نەچچە ھەسسە بەخىتلىك ھىس قىلاتتىم .
ھلىمۇ ئىسىمدە ، كىچىك ۋاقىتلىرىمنىڭ بىر كۈنى مىھرىبان ئانام مېنى ئۇخلىتىپ قويۇپ ھويلىمىزدا ئاي يورىقىدا ئالدىغا بىر دۆۋە ئۈرۈك ئۆچكىللىرىنى تۆكۈپ قويۇپ، چىقىپ مىغىزنى شاكىلىدىن ئايرىۋاتقان ئىكەن . ئانامنىڭ مىھرىنى بەدىنىمگە ئوراپتۇرغان ئىسسىق يوتقۇنۇمنىڭ ئىچىلىپ كەتكىنىدىن ئويغىنىپ كەتتىم ،ئانامنىڭ يىنىغا باردىم:
ئانا ،بۇكىچىدە ئۇخلىماي نىمە قىلۋاتىسەن ؟ ئانام مېنى كۆرۈپ بىرئاز جىمجىت تۇرۇپ ئويلىنىۋالغاندەك بولۇپ
- ھە ..! ۋاي بالام ، ئەتە سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭ ، قارىسام يىنىمدا تۈزۈك پۇل يوق ، بوۋاڭدىن سوراي دىسەم تىخى ، شۇڭا بۇ بىرقانچە كۈندىكى تەرگەن مىغىزلىرىمنى چىقىپ ئەتە ساڭا كىيىم ئىپ بىرەي دىگەن، دىگەن ئىدى . مەن ئۇ ۋاقىتلاردا كىچىك بولغاچقىمۇ ئانچە ئىرەڭشىمەيلا
- ئۇنى ئەتە قىلە ، سەن بولمىساڭ قورقىدىكەنمەن ئانا ، يۈرە ئۇخلايلى . دىيىشىمگە ئانام:
- ئازلا قالدى ئوغلۇم ، سەن كىرگەچ تۇرغىن ، مەن ئارقاڭدىن كىرەي ، دەپ مېنى كىرگۈۋەتكەن ئىدى . مەن بۇ ئۇيقۇچىلىقتا گەپمۇ قىلماي كىرىپ كەتكەن ئىدىم .
ئەتىسى ، يەنى مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ، ئانام سەھەردىلا مېنى ئويغۇتۇپ پىشانەمگە مىھرى بىلەن سۆيۈپ تۇرۇپ :
- بالام ، تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن ! يۈرە بىز بازارغا كىرىپ چىقايلى . دەپ مېنى ئىلىپ ماڭدى . شۇ ۋاقىتلاردا ئانامنىڭ كىچىكىنە بىر ۋىلىسپىتى بولىدىغان ، بىچارە ئانام ۋىلىسپىتىنىڭ ئارقىغا كىچىچە كىرپىك قاقماي شاكىلىدىن ئايرىپ چىققان بىرخالتا مىغىزنى قويدى ۋە ئۆزى ئولتۇرىدىغان يىرىگە مېنى ئولتۇرغۇزۇپ ، ئۆزى پىيادە ھالدا نەچچە كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ناھىيە بازىرىغا ئىلىپ كىرگەن ئىدى . مەن يولدا ئانامنىڭ ۋىلىسپىتنىڭ روللىرىنى تۇتقان ، ئورۇقىنە قوللىرىغغا قارىسام ئانام بىر قولىنىڭ ئوتتۇرا بارمىقىنى لاتا بىلەن ئوراپ قويغان ئىكەن . سىنچىلاپ قارىسام بارمىقىنى تاڭغان لاتىنىڭ گىرۋەكلىرىدىن قان تامچىلىرى ئىقىۋاتاتتى .
- ئانا ، قولۇڭغا نىمە بولدى ؟ قان ئىقىۋاتىدىغۇ ؟ ، دەپ سورىسام ئۇ قولىغا قارىۋىتىپ سوغۇققىنە كۈلۈپ قويدى دە:
- ھىچقىسى يوق بالام ، كىچە ئۇيقىچىلىقتا مىغىز چاقىدىغان تاشنى قولىمغا ئۇرىۋالغان ئىدىم ، بايا لاتا بىلەن تىڭىپ قويدۇم ھىلىلا توختاپ قالىدۇ . دەپ يولنى داۋام قىل ۈدى. مەنمۇ يىشىمنىڭ كىچىكلىكىدىنمۇ ، ياكى ئەقىلسىزلىقىمدىنمۇ ئانچە ئىرەڭشىمەپتىمەن . شۇ كۈنى بىز بازارغا كېرىپ مىغىزنى ساتتۇق دە ، ئانام ماڭا يىڭى بىرقۇر كىيىم ، ئويۇنچۇق ، يەنە تىخى كاۋاپ ، لەغمەنلەرنى ، ئىشقىلىپ مەن ياختۇرىدىغان ئويۇنچۇقلارنى يىمەكلىكلەرنى ئىلىپ بەردى ... بۇ مەن ئەقلىمنى بىلىپ ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمگە بەرگەن تۇنجى ۋە ئاخىرقى سوغىتى ئىدى .
ئۇزۇن ئۆتمەي كاج تەقدىر بىزنى ، ئانا – بالا ئىككىمىزنى ئايرىدى . بۇ سەككىز ياش ۋاقىتلىرىم ئىدى . بۇ كۈنى ئانام قايتا توي قىلدى ، بۇ ۋاقىتتىمۇ مىھرىبان ئانام مېنىڭ باشقىلار ئالدىدا قىسىلىپ قىلىشىمدىن ئەنسىرەپ مېنى رەھمەتلىك بوۋام – موماملارنىڭ يىنىدا قالدۇرغان ئىدى . مانا شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئانام ئىككىمىز ئايرىلىپ ياشىدۇق . شۇ كۈندىن باشلاپ ، مەن سائەت ، كۈنلەرنى ساناش بىلەن ئاۋارە ئىدىم ، چۈنكى شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئانام بىلەن ھەپتىدە ئارانبىر قىتىم كۆرىشەتتۇق .
شۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مەن تا بۈگۈنگىچە شۇ بىر قىتىم تۇغۇلغان كۈنىمنى ئۆتكۈزۈپ باقىنىم ، ئانامنىڭ « بالام ، بۈگۈنكى تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن » دىگەن شۇ كاتتا سوغاتنىلا ئالغىنىم ئىسىمدە .....
بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم . مەن بۇ كۈندە باشقىلارغا ئوخشاش ھەشەمەت بىلەن داغدۇغا قىلىشنى ياقتۇرمايمەن ، ھەشەمەت سورۇنلاردا تورت – پۇشۇرۇقلار بىلەن ئىغىزلىرىمنى مايلاشنى تىخىمۇ خالىمايمەن . بۇنداق دىسەم بەزىلەر كۈلىشى مومكېن ، لېكىن مەن ماڭا كەلگەن شۇ يىگىرمە نەچچە قىتىملىق تۇغۇلغان كۈنىمنى پەقەت شۇ بىر قىتىملا ئۆتكۈزدۈم .
مانا ، بۈگۈنمۇ مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم . توغرىسىنى ئىيتقاندا بۈگۈن مېنىڭ ئانامنىڭ مېنى تۇققان كۈنى .... ئانا ! مېنى تۇققان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن ئانا !
تاڭنىڭ سەھەردىكى سەلكىن شامالىرى بىلەن قوشۇلۇپ نۇرغۇنلىغان، دوسلۇرۇمنىڭ « تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ، بەخىتلىك بولۇڭ ، خۇشالىق سىزگە يار بولسۇن ...» دىگەندەك بىرقاتار تەبرىىك سۆزلىرى ، تىلفۇنلىرىنى تاپشۇرۋالدىم لېكىن بۇلارغا ئانچە خۇشال بولمىدىم ، لېكىن شۇ ئۇچۇرلار ئارىسىدىكى بىرقىسىم قىرىنداشلىرىمنىڭ « قىرىندىشىم ، ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇققان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن ... » دىگەن ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز يىغلاپ تاشلىدىم دە ، ئۇلارغا كۆپلەپ رەھمەت ئيتتىم . راس ئانا ، بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنىملا ئەمەس ، بەلكى يىگىرمە نەچچە يىل ئىلگىرى سەندەك بىر پەرى بۈزىرۈك ئانامنىڭ مېنى تۇققان كۈنىڭنىڭ يالدامىسى . ئانا ! مىھرىبان ئانا ، مېنى تۇققان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن ئانا !!!
بىلەمسەن ئانا ، ھەر يىلى بۈگۈندە مەن سېنى ئويلايمەن . كۆز ئالدىمدا تولغاق ئازابىدا مېنى دۇنياغا كۆز ئاچتۇرغان، سەن زاھىر بولىسەن ئانا ! شۇ ۋاقىتتىكى ئاغرىق ئازابىدا ئىڭراشلىرىڭ ، ھايات – مامات ئارلىقىدا جان تالىشىشلىرىڭنى ئويلسام يۈرۈكۈم پۇچۇلنىپ كېىدۇ ئانا . بۈگۈنكى مەن تاپشۇرۋالغان تۇغۇلغان كۈنىمگە ئاتالغان بارلىق قەسىدىلەر پەقەت ساڭىلا تالىق ئانا ! گەرچە مەن بۈگۈن مۇساپىرچىلىق بىلەن يات شەھەردە تۇرۋاتقان بولساممۇ لېكىن ، شۇ مىنۇتلارنى ، سېنىڭ تۇنجى قىتىم ئۆتكۈزۈپ بەرگەن شۇ تۇغۇلغان كۈنىمنى مەڭگۈ ئۇنىتمايمەن ئانا ، جىنىم ئانا ! بۈگۈنكى مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمگە ئەمەس ، مېنى تۇققان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن !!!
تۇغۇلغان كۈنۈمگە
ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
قۇتلۇق بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۇم،
بەخىت ئەلگە مەندىن تارالسۇن.
گۈللەرئۈنەرباسقان ئىزىمدىن ،
ئوتلۇق ھايات قىممەت ياراتسۇن.
مېھىرلەرگە قانمايلا ئۆتكەن ،
مەندەك ئۆتمىسۇن ھىچكىمنىڭ كۈنى .
كۆڭلۈم گەرچە سۇنۇق بولسىمۇ ،
ياڭراتماسمەن پىغانلىق ئۈنى .
شۇ غەيرەت كېرەك مىسكىنلەرگە ،
مېھىر بەرمەس چۈنكى جىمىي جاي .
ئاڭسىز تۇرۇپ باللىرىنى باققان،
شۇ ھايۋانلارمىھىرلەرگە باي .
ئەتە بىلەن باشلىنار بەختىم ،
ياكى قايغۇ مۇسىبەتلىرىم .
كۈتۈپ تۇرار گاھ، ئامەت مېنى
چۈنكى بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۇم !
ئازاپلاردا تىنىم تىتىلىپ ،
ئۆتتى مېنىڭ شۇنچە كۈنلۈرۈم
گاھ ، زورىغا تەبەسسۇم قىلىپ
ئاھ ، ئەجەپمۇ قىنالدى جىنىم .
تەڭرى سەۋەپ تۇغۇلغۇنىمغا ،
مەنمۇ بىلدىم ھەممە ئادەم دەپ.
شۈكرى ھەمدە مۇشۇ كۈنلىرىم،
قىنى دۇنيا ھايات ئادەم دەپ .
بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم،
ھەممە ئانا سېنىڭ بەرگىنىڭ .
رەھمەت ساڭا ئەزىز تەڭرىم ھەم ،
يۈكسەكلەرنى ئۇچراشتۇرغىنىڭ .
رەھمەت ئاكا ماڭا نان بەرگەن ،
دىلىم بىلىپ شۇنىلا دەيدۇ .
قايتۇرالماي كەتسەم بىئەجەل ،
يۈرەكئىچىدە قانلار چاچرايدۇ .
بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۇم،
مېھىرلەرگە سالاملار بولسۇن .
مېھىرلىك ھەممە سىخى قوللارنى ،
ھەر بىر يەردە ئەزىزلەر قىلسۇن !!!
ئۈندىدار : 2041420589
2017-يىلى 6-ئاينىڭ 23- كۈنى ، ئۈرۈمچى
بۈگۈن ئانامنىڭ مىنى تۇققان كۈنى ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تىنىقىم باشلانغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ماڭا ھەم دادا - ھەم ئانا بولۇپ كىلۋاتقان پەرىشتە سۈپەت ئانامغا رەھمەت ئىيتىش يۈززىستىن بۇ ئەسەرنى يىزىپ چىقتىم بارلىق ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ مەن باشقۇرۋاتقان يازغۇچىلار تورى ، ياش قەلەم تورى ۋە ئۈندىدارىم ئارقىلىق ئەسىرىمگە باھا بىرىشىنى قارشى ئالىمەن .
ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
ئۈندىدار : 2041420589 
     
      
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2042420589
ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!
      
      
| 115 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
| 2017-6-23 3:33:52 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |