ئوخشماس (غەزەل) - مۇھەممەت مەخمۇت

 ئوخشماس
 مۇھەممەت مەخمۇت (بەھزاد)


بىراۋ قىلغننى قىلمغىن، ئىنسان ئىنسانغا ئوخشماس.
يامانغىمۇ ياخشى بول، ئەركەككە ھەركىم ئوخشماس.


ئالدىراپ ئېلىشتۇرما رەڭگىدىن ئاق دەپ لىكىن ،
ئىككسى ئىككى تەم تۇز شىكەرگە ئوخشماس.


ئەگەشمە يامانغا ياخشى يۇلۇڭدىن كىچىپ ،
ھەركىشى قىلسا ئۆزىگە، ياتقاندا گۆرى ئوخشماس.


ئالدىراپ تىنمىغىن دەردىڭنى يىغلاپ ياتقا سەن ،
بولسىمۇ ھەركىمدە قۇلاق، ئېغىز-ئېغىزغا ئوخشماس.


باشقا بىرگە ئايلىنىپ كەتسەڭ جانانىڭدىن كىچىپ،
قىلدۇ كۆڭلۈڭنى خار، سىنى سۆيگەنگە ئوخشماس .


مەيلى دەپ كۈنۈپ قالدۇق يىگەن كەيگەنلەرگە بىز،
ۋاقتىڭ كەتتى بەختىڭ كەتتى،ئەتەڭ بۈگۈنگە ئوخشماس.


ئۆتكۈزۈپ كۈنۈپ قالدۇق ۋايساپ يېتىپ كۈنلەرنى بىز،
ئىشلەپ تېپىپ يىگەنگە تىلەپ يىگەن ئوخشماس.


كىتدۇ قىران دەۋرىڭ،قولدا ھاسا باشتا ئاق،
ئەسلەيسەن ياشلىقىڭنى شوخلۇققا ھەسرەت ئوخشماس.


گۈل ۋەسلىنى پۇرىۋال تۇزماستا ۋەسلىنى ،
بىر زامانلار كەلسە قىش بېغىڭدا رەيھان پۇرىماس .


سۆزلەيدۇ ھەممىسى سۆزلىرىنى ھەق دەپ لىكىن،
سۆزلىرىنىڭ مۇقامى يوق ھەق سۆزلىگەنگە ئوخشماس.


نەچچىلەر يازدى ھاياتنى ئاق دىدىيۇ كۆك دىدى ،
ھەر باشتا باشقا قىسمەت ھايات ھاياتقا ئوخشماس.
     





23 قېتىم كۆرۈلدى bahezat ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-27 0:18:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ