سېغىندۇرما يايرىڭنى
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)
ئەركەك بولساڭ،يوقلاپ تۇرغىن يايرىڭنى،
يايرىڭ بولسا،كۈنلۈرۈڭدۇر مەنىلىك.
ئۇنۇتمىغىن ساڭا قىلغان ئەجرىنى،
يارنى سۆيگەن ئەركەكلەر بەختلىك.
ئەركەك بولساڭ،قۇچاق ئاچقىن يايرىڭغا،
تاشلىمىغىن سېنى سۆيگەن يايرىڭنى.
كېرەك ئەمەس يايرىڭغا ھېچ نىمە،
كۈتەر مېھىر،بەرگىن تاتلىق سۆيگۈڭنى.
ئەركەك بولساڭ،سېغىندۇرما يايرىڭنى،
پۇرىۋالغىن خۇشپۇراقلىق ھىدىنى.
زەپ خۇمالىق كۆزلىرىگە قارىۋال،
بەزلىمىگىن،بىلىۋالغىن نازىنى.
ئەركەك بولساڭ،قەدىرلىگىن يايرىڭنى،
ئۇخلىمايلا چۈشەيدىغۇ بىر سېنى.
قويمىغانغۇ ئارتۇق تەلەپ زادىلا،
قەدىرلىگىن ئىزلەپ،كەلگەن يايرىڭنى.
ئەركەك بولساڭ،يالغۇز قويما يايرىڭنى،
مۇڭدىشىۋال،دائىپ تۇرۇپ يېنىدا.
كىتىپ قالسا،پۇرالمايسەن ھېدىنى،
گۈللەر سۇنۇپ،قىسىپ قويغىن بېشىغا.
ئەركەك بولساڭ،خۇشال قىلغىن يايرىڭنى،
ئاڭلاپ تۇرغىن شىرىن-تاتلىق سۆزىنى.
قىلمايدىغۇ،يايرىڭ سەندىن مال دۇنيا،
يوقلاپ تۇرغىن،پۇرىۋالغىن ھېدىنى.
108 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-10 9:20:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|