ئۆتۈنۈش

ئۆتۈنۈش

 

(ئابدۇراخمان ئابدۇللا)

 

 شورا تام ئاۋازىڭنى توسۇپ قالالماس،

 تارايدۇ تومۇرۇڭدىن چېچەكنىڭ ھېدى.

 قەدەم تېۋىشلىرىڭ لەرزان بىر كۈيدە،

شېئىر ئوقۇپ-ئوقۇپ ھارمىدى.

 

 ئارىمىزدا يالغۇز ئاياق يول،

《قېلىچتىن تېز ئەمما، قىلدىن ئىنچىكە》.

 بىر ئۇچى ئالەمدەك يېيىلغان ساڭا،

 بىر ئۇچى مەندىكى ئاجىز يۈرەكتە.

 

 كۆزۈمدىن سەن ئۈچۈن بىر رىشتە ئېشىپ،

 بېلىڭدىن ئاۋايلاپ باغلىسام، جېنىم.

 بەخىتنىڭ رەڭگىدە لەيلەپ مەن تامان،

 باغرىمدا بىر تەخىت ياسارمۇ دېدىم.





95 قېتىم كۆرۈلدى xahturk ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-8 23:16:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ