تىتىرەپ تۇرغان قوللۇرۇم بىلەن قەلەمنى تەستە تۇتۇپ ئىچ-ئىچىمگە سىغماي قېلىۋاتقان سېغىنىش ۋە يۇرەك سۆزلىرىمنى ساڭا ئاتاپ يېزىۋاتىمەن، ساڭا ئېيتىۋاتىمەن جېنىم ئانا ! بىراق سەن يوق ،سەن نەچچە يىللار بۇرۇنلا مەن بىلەن مەڭگۇلۇك ۋىدالاشقان ،ئەمما مەن يازىمەن يەنىلا يۇرەك سۆزلىرىمنى ساڭا ئېيتىمەن ،چۇنكى سەن مېنىڭ قەلبىمدە مەڭگۇ ھايات ،گەرچە مەن بۇ يۇرەك سۆزلىرىمنى ساڭا ئېيتىشقا تولىمۇ كېچىككەن بولساممۇ ئچىمدە ساقلاشقا پەقەتلا چىدىيالمىدىم، مېنى كەچۇرگىن، مېنى راستىنلا كەچۇرگىن جېنىم ئانا !قەرزىمنى ئادا قىلالمىدىم، ماڭاسىڭدۇرگەن ئەجىرىڭگە قىلچىلىك جاۋاپ قايتۇرالمىدىم ،ماڭا بۇ ھاياتلىقنىمۇ سەن بەرگەن ئىدىڭ. بىراق مەنچۇ !؟ مەن ساڭا ھېچ نەرسە قىلىپ بىرەلمىدىم، سېنى رەھىمسىز ئەجەل چاڭگىلىدىن قۇتقۇزالمىدىم، ئەكسىچە سېنى لەھەت ئىچىدە سەن نۇر بەرگەن كۆزلىرىم بىلەن سېنى كۆرۇپ تۇرۇپ ،سەن سۆيۇپ قانمايدىغان ئەشۇ قوللۇرۇم بىلەن رەھىمسىزلەرچە ئۇستىڭگە توپا ئاتىمغۇ جېنىم ئانا !
ئاھ-مەن نىمىدىگەن ۋاپاسىز، نىمىدىگەن يارىماس، مانا بۇگۇنكىدەك ئېغىر كۇنلەردىمۇ سېنىڭ نۇرانە ئىللىق سىمايىڭ ماڭا مەدەت ۋە كۇچ ئاتا قىلىۋاتىدۇ ، سەن ھەقىقەتەن بۈيۇك ۋە ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان، ئانا ئاڭلاۋاتامسەن سېنى ۋاپاسىز ئوغۇڭ چاقىرۋاتىدۇ، ئۇسېنى سېغىندى، جىمىكى ئىللىقلىق مۇجەسسەملەنگەن باغرىڭنى سېغىندى جېنىم ئانا! ئانا……
325 قېتىم كۆرۈلدى | ساۋۇت سەدەن (ئانارى) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-28 16:42:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-19 14:47:15 | ana |
bak yahxi yezilipyu |
2016-11-2 12:38:00 | 我 |
بۇ نەسىر يۈركۈمگە بېرىپ تەژدى |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|