دۆلىتىنىڭ سىياسىتى ھەممىگە ئادىل
ئاپتۇرى :مەخسۇم ھىپىز ( ئاققاش )
دۆلىتىمنىڭ پۇقرالىرى ئاز ئەمەس ،
ھېچ بىر كىشى بىر-بىرىگە خار ئەمەس .
بارچە پۇقرا باي باياشات ياشايدۇ ،
بىرمۇ ئادەم ئۆي ۋە ئاشقا زار ئەمەس .
بۇ دۇنيانى ئوخشاتساق بىر سىنىپقا ،
ئۈچتە ياخشى دۆلىتىم بۇ سىنىپتا .
بۇ سىنىپنىڭ يىغىنىدا باش بولۇپ ،
تىنچلىقنى سالدى باشتا قېلىپقا .
ۋەتىنىمىدىن شەخسەن مەنمۇ بەك رازى ،
رەھبەرلىرى بەكمۇ ئادىل بىر قازى .
چىقتى لېكىن بەزى ئاشقۇن تىرورچى ،
قۇتۇلمامدۇق بۇ ۋىرۇستىن بىز زادى .
بەزەنلەرنى خىجىل بولسىكەن دېدىم ،
بارچە ئەلنى ئىجىل بولسىكەن دىدىم .
بارچە مىللەت بىر تەن بىر گەۋدە بولۇپ ،
بۇ تۇپراقتا سىجىل بولسىكەن دېدىم .
بۇ ۋەتەندە ياخشى تۈزۈم كۆپ تۇرسا ،
چىقىم قىلسا تولۇقلاپلا پۇل ئۇرسا .
تۇغقان بول دەپ رەھبەرلەرنى ئەۋەتىپ ،
ئەھۋال سوراپ يوقلىرىنى بار قىلسا .
نېمە دېگەن ياخشى ھازىر سىياسەت ،
لېكىن توغرا ئەمەس بىزدە قىياپەت .
ھالىمىز شۇ كۆزى ئوچۇق كور تۇرساق ،
بولدۇم ئەجەب پارتىيەگە خىجالەت .
ئوقۇغانلار توغرا يولنى تاپار ئكەن ،
چۈشەنسە گەر ئۆزىگە يول ئاچار ئكەن .
دەرس ئاڭلاپ شۇ يول بىلەن ماڭسىلا ،
خاتالاشماي تىنىچ ئامان ياشاركەن .
قەشقەر شەھىرى ئاققاش يېزىسى
دۆڭئىرىق كەنىتتىن مەخسۇم ھىپىز
ئۇندىدار : 18509996475
| 114 قېتىم كۆرۈلدى | AKKAX | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-29 6:44:18 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|