قەدرىڭ ئ‍ۆتۈلدى

قەدرىڭ ئ‍ۆتۈلدى

 

ئ‍اپتۇرى؛ئابدۇرسۇل ئ‍ەزىز 

 

 سەن يوق دۇنيا ماڭا تار كەلدى،

 بەرگەن ئ‍ازارىڭ ماڭا ھار كەلدى.

 ھەر تۈندە مەن سېغىنىش بىلەن،

 كۆزلۈرۈمگە ئ‍ىسسىق ياش كەلدى.

 

گۈل بېغىمغا جۇدۇللار كەلدى،

 غازان قىلدى كۆز پەسلى كەلدى.

 شۇڭا يۈرەك ئ‍اچچىققا تولدى،

نەۋقىرانىم سۇلدى تۈكۈلدى .

 

 سەن يوق ئ‍ۈينى چاڭ تۇزان باستى،

 تۆت تامغىمۇ ئ‍ۆمچۈك تور يايدى.

 تور دەستىدىن دوسلۇرۇم قاچتى،

 بۇرۇنقىدەك يوقلىماس بولدى.

 

سەن يوق تۈنلەر ئ‍ۇزۇن بىلىندى،

 دېرىزەمدىن ئ‍ۇيقۇ ھەم قاچتى.

 ياز كۈنلەرمۇ سۇغۇق بىلىندى،

 سېغىنىشتا يۈرەك مۇز قاتتى.

 

 كەلگىن تىزراق قەدرىڭ ئ‍ۈتۈلدى،

 سىنى كۈتۈش ماڭا تەس كەلدى.

 بۇ بېشىمغا سەۋدالىق يەتتى،

تۇرمۇشۇمدىن خوشالىق ئ‍ۆچتى.

 

 2015-يىلى09-ئاينىڭ 12-كۈنى (شەنبە كەچ 01:55)





203 قېتىم كۆرۈلدى RuSuL ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-16 20:40:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ