زەھىرى شۇ بۇنىڭ بۇ مەۋھۇم دۇنيا
يۈسۈپجان سايرامى ( زىنھار )
قارايسەن ئەتراپقا تۇيۇقسىز چۆچۈپ ،
كەلگەندەك ھاياتقا ئەمدىلا كۆچۈپ .
كۆزلىرىڭ پىغانە نۇرلىرى ئۆچۈپ ،
يېگانە ئۆزۈڭ بىر ئازابنى يۈدۈپ .
ساراڭ سەن خۇددى توك سوققاندەك .
يۈرەكمۇ سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك.
ھاياتلىق ئۈزۈلگەن نىمجان بېلىقتەك ،
زەھىرى شۇ بۇنىڭ بۇ مەۋھۇم دۇنيا .
ئىشەنچىنى قۇيۇپ كۆرمەس بىراۋگە .
نىيەتلەر ئوخشىماس جەبرى -جاپاگە ،
دوستنى يات كۆرۈپ دۈشمەن بىلگەنگە.
زەھىرى شۇ بۇنىڭ بۇ مەۋھۇم دۇنيا .
بىر ناننى تەڭ يىيىشكەن دوستلار قالمىدى ،
جەم بولۇشۇپ دىيىشكەن سۆزلەر قالمىدى.
ئۆسۈپ ئۆتۈپ كەتسەكمۇ كۆزلەر قارىمىدى ،
زەھىرى شۇ بۇنىڭ بۇ مەۋھۇم دۇنيا .
سىرلىرىڭمۇ قالمىدى دوستقا ئېيتىقۇدەك ،
ۋەدە قەسەم بىرىپ ئامانەت قىلغۇدەك .
كۆرۈندى بارچىسى ھەم سۈنئىي يالغاندەك ،
زەھىرى شۇ بۇنىڭ بۇ مەۋھۇم دۇنيا .
ئالدانما بۇ مەۋھۇم بۇ سۈنئى دۇنيا ،
سىرلىرىڭ يېپىلىپ قالسۇن پىنھاندا .
قەھىرىڭ كەتمىسۇن ئاتا - ئاناڭغا ،
زەھىرى شۇ بۇنىڭ بۇ مەۋھۇم دۇنيا.
2016-يىل 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ( كېچە )
##ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ ##
| 52 قېتىم كۆرۈلدى | zinhar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-19 16:38:06 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|