دادامنى ئەسلەپ
ئابلىكىم ئابلەت (ئەرتۈرك )
بىر باغۋەن ئىدىڭغۇ ھايات بىغىمدا،
كۆتۆرگەن ئىدىڭغۇ مىنى بىشىڭدا .
قەدرىڭنى ئەمدىلا بىلگەن چىغىمدا ،
دادا دەپ چاقىرسام يوق سەن يىنىمدا.
ئايرىلدىم مىھرىڭگە قانماي تۇرۇپلا ،
چىدىدىم ئۆزۈمنى ئالداپ يۈرۈپلا .
ئەجەپمۇ ئىغىركەن قىسمىتىڭ دۇنيا ،
تىلدىڭغۇ باغرىمنى تىرىك تۇرۇپلا .
سەن بولغاچ مىنىڭمۇ بولغان بۈگۈنۈم ،
دەيتتىڭغۇ جان دادا مىنى ئۈمۈدۈم .
كەتتىڭ سەن دىلىمنى قويۇپ ھىجراندا،
ئىزىلدى قان يىغلاپ قالدى يۈرۈگۈم .
چوڭ بولۇپ ئەقلىمنى بىلگەنچە دادا ،
يوقلىقىڭ بىرمۇ - بىر بىلىندى مانا .
ۋاقىتسىز خوشلىشىپ كىتىسەن نىچۈن ،
مەن تىخى بۇرچۇمنى قىلمايلا ئادا .
قاراڭغۇ زۇلمەتتە چاچتىڭ نۇرۇڭنى ،
مۇھتاجلىق ئىلكىدە بەردىڭ قولۇڭنى .
ئەمدى سەن خاتىرجەم كۆز يۇمغىن دادا ،
قىلمەن مەن چوقۇم داۋام يولۇڭنى .
2016-5-17
| 213 قېتىم كۆرۈلدى | ئابلىكىم ئابلەت (ئەرتۈرك ) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-8 22:36:14 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|