ئايالىم بولغىن (شېئىر) - يۈسۈپجان ئايكىپە

ئايالىم بولغىن (شېئىر)

 يۈسۈپجان ئايكىپە  

  
تومۇزلاردا شامالىم بولغىن،
مەڭگۈ كۆڭۈل ئارامىم بولغىن.
ھەر كۈن كەلسە بىللە كۆرەيلى،
مىنىڭ جۈپتى ھالالىم بولغىن .

زىرىكمەيمەن سىنىڭدىن ئەبەد،
ساڭا باغلاپ چەكسىز مۇھەببەت،
ئايرىلىشنى   ئويلىما    پەقەت،
ماڭا سىرداش جانانىم بولغىن .

بىللە ياشاپ بىللە كۈلگۈم بار،
ھەر بىر كۈننى بىللە كۆرگۈم بار،
كۆز يۇمغىچە بىللە يۈرگۈم بار،
ماڭا سادىق ئايالىم بولغىن .

باشقىلارغا قىلمايمەن ھەۋەس،
بىرگە بولۇش مەيلى بولسا تەس،
ئارىمىزدا نامەرت يوق ئەمەس،
كۆز تەگمىسۇن تۇمارىم بولغىن.

نۇرغۇن ئىشقا پەرۋايىم پەلەك،
بىر سىنى دەپ سوقىدۇ يۈرەك،
بىرگە ياشاش مەندىكى تىلەك،
ئۆمۈر بويى نىگارىم بولغىن .


2017-يىلى 9-فىۋرال     1450877977
13709988104
     





40 قېتىم كۆرۈلدى يۈسۈپجان ئايكىپە ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-10 13:34:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ