قار لەيلىسى

قار لەيلىسى

 

ئەخمەتجان سېيىت

 

قارلەيلىسى ، قارلىق لەيلىسى،

 قارپەرىسى قارنىڭ گۈلىسەن.

 قاردەك ئاقلىق ساڭا بەخشەندە،

قارنىڭ ئىزى قارنىڭ قىزىسەن.

 

 ئاپئاق دالا سىنىڭ ۋەتىنىڭ،

 قار ئىلكىدە پاكلىنىپ ياتقان.

 ھاۋا ئانا چۈشكەندە كۆكتىن،

 ئەڭ ئاۋۋال سىنى ئۇچراتقان.

 

 زەيتۇن چىشلەپ كەلگەن كەپتەرنىڭ،

 لەۋلىرىدە سىنىڭ بەرگىڭ بار.

 پاك ياشىغان ئادەم ئىزىدا،

 سىنىڭ جىلۋەڭ سىنىڭ ھىدىڭ بار.

 

 پاك ئىزلاردىن پاك ئەگىزلەردىن،

 قارلەيلىسى چىقىدۇ ئۈنۈپ.

 پاك قىرلاردىن پاك قىيالاردىن،

سالام قىلار گۈلدەستە سۇنۇپ.





477 قېتىم كۆرۈلدى ئەخمەتجان سېيىت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-23 12:20:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-18 19:55:11 زەيتۇنە
بەك قايىل بولدۇم ئ‍اكا،تېخىمۇ تىرشىڭ،يۇرتىمىزنىڭ پەخرىسىز
2016-2-8 18:08:57 مەرۋايىت
رەخمەت،قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن. ھەممىمىز سىزنى قوللايمىز…
2016-2-8 16:37:24 nurbiya
bak yahxi yeziliptu ahmatjan aka tehimutirixing tehimu yahxi asar lirigiz ning qikixiga ixinimiz
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ